باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى

(جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيىدا قىسمەن تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، 2017- يىلى 10- ئاينىڭ 24- كۈنى ماقۇللاندى)

2017.11.01 16:39         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئومۇمىي پىروگرامما

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى − جۇڭگو ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئاۋانگارت ئەترىتى، شۇنداقلا جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئاۋانگارت ئەترىتى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ رەھبەرلىك يادروسى، ئۇ جۇڭگودىكى ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، جۇڭگو ئىلغار مەدەنىيىتىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، جۇڭگودىكى ئەڭ كۆپ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. پارتىيەنىڭ ئالىي غايىسى ۋە ئاخىرقى نىشانى − كوممۇنىزمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ماركسىزم- لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى ئۆز ھەرىكىتىنىڭ قىبلىنەماسى قىلىدۇ.

  ماركسىزم- لېنىنىزم ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تارىخىي تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى ئېچىپ بەردى، ئۇنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرى توغرا بولۇپ، قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچكە ئىگە. جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئىنتىلگەن كوممۇنىستىك ئالىي غايىنى سوتسىيالىستىك جەمئىيەت تولۇق راۋاجلانغان ۋە يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان ئاساستىلا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ راۋاجلىنىشى ۋە مۇكەممەللىشىشى − ئۇزاق بىر تارىخىي جەريان. ماركسىزم- لېنىنىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو خەلقى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تاللىغان، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا باب كېلىدىغان يولغا ماڭغاندا، جۇڭگونىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرى چوقۇم ئاخىرقى غەلىبىگە ئېرىشەلەيدۇ.

  يولداش ماۋ زېدۇڭنى ئاساسىي ۋەكىل قىلغان جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ماركسىزم- لېنىنىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسىنى بەرپا قىلدى. ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى − ماركسىزم- لېنىنىزمنىڭ جۇڭگودىكى تەتبىق قىلىنىشى ۋە راۋاجى، جۇڭگو ئىنقىلابى ۋە قۇرۇلۇشىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلانغان توغرا نەزەرىيەۋى پىرىنسىپى ۋە تەجرىبىلىرىنىڭ يەكۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كوللېكتىپ ئەقىل- پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى. ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پۈتۈن مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، جاھانگىرلىككە، فېئودالىزمغا ۋە بىيۇروكرات كاپىتالىزمغا قارشى ئۇزاق مۇددەتلىك ئىنقىلابىي كۈرەشلەر ئارقىلىق يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، خەلق دېموكراتىيەسى دىكتاتورىلىقىدىكى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇردى؛ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىشنى ئوڭۇشلۇق قىلىپ، يېڭى دېموكراتىزمدىن سوتسىيالىزمغا ئۆتۈش جەريانىنى تاماملاپ، سوتسىيالىستىك ئاساسىي تۈزۈمنى ئورنىتىپ، سوتسىيالىستىك ئىقتىساد، سوتسىيالىستىك سىياسىي ۋە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇردى.

  11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، يولداش دېڭ شياۋپىڭنى ئاساسىي ۋەكىل قىلغان جۇڭگو كوممۇنىستلىرى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئىجابىي ۋە سەلبىي جەھەتلەردىكى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىنىڭ مەركىزىنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقا يۆتكەپ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش- ئىشىكنى ئېچىۋېتىش يولىنى تۇتۇپ، سوتسىيالىزم ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئېچىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇشنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى پەيدىنپەي شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭگودا سوتسىيالىزمنى قۇرۇش، مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش جەھەتتىكى ئاساسىي مەسىلىلەرنى شەرھلەپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسىنى بەرپا قىلدى. دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى − ماركسىزم- لېنىنىزم ئاساسىي قائىدىلىرىنىڭ ھازىرقى جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى ۋە دەۋر ئالاھىدىلىكى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەنلىكىنىڭ مەھسۇلى، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسىنىڭ يېڭى تارىخىي شارائىتتىكى داۋامى ۋە راۋاجى، ماركسىزمنىڭ جۇڭگودىكى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى باسقۇچى، ھازىرقى جۇڭگونىڭ ماركسىزمى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كوللېكتىپ ئەقىل- پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، ئۇ دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا يېتەكلەيدۇ.

  13- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 4- ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، يولداش جياڭ زېمىننى ئاساسىي ۋەكىل قىلغان جۇڭگو كوممۇنىستلىرى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئەمەلىيىتىدە سوتسىيالىزمنىڭ نېمە ئىكەنلىكى، سوتسىيالىزمنى قانداق قۇرۇش ۋە قانداق پارتىيە قۇرۇش، پارتىيەنى قانداق قۇرۇش كېرەكلىكى توغرىسىدىكى تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى، قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى توپلاپ، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى. «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى − ماركسىزم- لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسىنىڭ داۋامى ۋە راۋاجى بولۇپ، ھازىرقى دۇنيا ۋە جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىگە قويغان يېڭى تەلىپىنى ئەكس ئەتتۈردى، ئۇ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش، ئېلىمىز سوتسىيالىزمىنىڭ ئۆزىنى ئۆزى مۇكەممەللەشتۈرۈشى ۋە راۋاجلاندۇرۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ قۇدرەتلىك نەزەرىيەۋى قورالى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كوللېكتىپ ئەقىل- پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەت چىڭ تۇرۇشى شەرت قىلىنغان يېتەكچى ئىدىيەسى. باشتىن- ئاخىر «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش»نى ئەمەلىيەتتە كۆرستىش − پارتىيەمىزنىڭ پارتىيە قۇرۇش ئاساسى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش نېگىزى، كۈچ- قۇۋۋەت مەنبەسى.

  16- قۇرۇلتايدىن بۇيان، يولداش خۇ جىنتاۋنى ئاساسىي ۋەكىل قىلغان جۇڭگو كوممۇنىستلىرى دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى ۋە «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات تەلىپىگە ئاساسەن، يېڭى ۋەزىيەتتە قانداق تەرەققىياتنى، قانداق تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ زور مەسىلىنى چوڭقۇر تونۇپ ۋە ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ، ئادەمنى ئاساس قىلىش، ئومۇميۈزلۈك، ماس، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىشتەك ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى شەكىللەندۈردى. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى ماركسىزم- لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى بىلەن ھەم تومۇرداش بولغان، ھەم دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان ئىلمىي نەزەرىيە، ماركسىزمنىڭ تەرەققىياتقا ئائىت دۇنيا قارىشى ۋە مېتودولوگىيەسىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىلىنىشى، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ زور نەتىجىسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كوللېكتىپ ئەقىل- پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى راۋاجلاندۇرۇشتا جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇلىدىغان يېتەكچى ئىدىيە.

  18- قۇرۇلتايدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭنى ئاساسىي ۋەكىل قىلغان جۇڭگو كوممۇنىستلىرى دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ئۇيغۇنلىشىپ، يېڭى دەۋردە قانداق جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى قانداق راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا قانداق چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى قانداق راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ زور دەۋر تېمىسىغا نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈش ئاساسىدا سىستېمىلىق جاۋاب بېرىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى بەرپا قىلدى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى ماركسىزم- لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ داۋامى ۋە راۋاجى، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئەمەلىيەت تەجرىبىسى ۋە كوللېكتىپ ئەقىل- پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىدىكى ھەرىكەت قىبلىنەماسى، ئۇنىڭدا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇش شەرت. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇشىنى ئىلگىرى سۈردى.

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىمىزنى ۋە ئالغا ئىلگىرىلىشىمىزدىكى تۈپ سەۋەبنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى ئېچىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرگەنلىكىمىزگە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى ئورناتقانلىقىمىزغا، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىمىزغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار پارتىيەمىز مىڭبىرجاپادا ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن بۇ يولنى، بۇ نەزەرىيە سىستېمىسىنى، بۇ تۈزۈمنى ۋە بۇ مەدەنىيەتنى ھەسسىلەپ قەدىرلىشى، ئۇنىڭدا ئۇزاق مۇددەت چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئىشىنى ئورۇنداش، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش ۋە ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى كېرەك.

  دۆلىتىمىز ھازىر سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ ھەمدە بۇ باسقۇچتا ئۇزاققىچە تۇرىدۇ. بۇ، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەتتە ئارقىدا قالغان جۇڭگودا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلىشىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشتا ھالقىپ ئۆتۈشكە بولمايدىغان تارىخىي باسقۇچ، ئۇنىڭغا 100 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت كېتىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشىدا دۆلىتىمىزنىڭ ئەھۋالىنى ئاساس قىلىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىش شەرت. ھازىرقى باسقۇچتا، جەمئىيىتىمىزدىكى ئاساسىي زىددىيەت − خەلقنىڭ كۈندىن- كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىياتتىكى تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت. ئىچكى ئامىل ۋە خەلقئارا تەسىر تۈپەيلىدىن سىنىپىي كۈرەش يەنىلا مەلۇم دائىرىدە ئۇزاققىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، مەلۇم شارائىتتا كەسكىنلىشىپ كېتىشىمۇ مۇمكىن، لېكىن ئۇ ئاساسىي زىددىيەت بولۇشتىن قالدى. سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشىمىزنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى − ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يەنىمۇ ئازاد قىلىپ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلىشىشنى پەيدىنپەي ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھەمدە شۇ يولدا ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى بىلەن ئۈستقۇرۇلمىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ راۋاجلىنىشىغا لايىقلاشمىغان تەرەپلىرى ۋە ھالقىلىرىنى ئىسلاھ قىلىشتىن ئىبارەت. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، كۆپ خىل ئىگىلىك تەركىبلىرى بىرلىكتە راۋاجلاندۇرۇلىدىغان ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىش ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، كۆپ خىل تەقسىمات ئۇسۇلى تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان تەقسىمات تۈزۈمىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، بىر قىسىم رايونلار ۋە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئاۋۋال بېيىشىغا ئىلھام بېرىپ، نامراتلىقنى پەيدىنپەي يوقىتىپ، ئورتاق بېيىش نىشانىغا يېتىش، ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي بايلىقنى كۆپەيتىش ئاساسىدا خەلقنىڭ كۈندىن- كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تەرەققىيات − پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش- دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپىسى. خەلقنى مەركەز قىلىش تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش شەرت. تۈرلۈك خىزمەتلەردە سوتسىيالىستىك جەمئىيەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا، سوتسىيالىستىك دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال كۈچىنى ئاشۇرۇشقا، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق بولۇشنى ئومۇمىي باشلىنىش نۇقتىسى ۋە سىناش ئۆلچىمى قىلىپ، ئەمگەككە ھۆرمەت قىلىپ، بىلىمگە ھۆرمەت قىلىپ، ئىختىساسلىقلارغا ھۆرمەت قىلىپ، ئىجادىيەتكە ھۆرمەت قىلىپ، تەرەققىياتتا خەلقنى كۆزلەش، تەرەققىياتتا خەلققە تايىنىش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلقنى ئورتاق بەھرىمەن قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. يېڭى ئەسىرگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، دۆلىتىمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىدىغان، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلىشىشنى تېز ئالغا سىلجىتىدىغان يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىردى. چوقۇم جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدىكى «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ماس ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى ئەسىر، يېڭى باسقۇچتىكى ئىستراتېگىيەلىك نىشانى − پارتىيە قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولغاندا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش؛ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولغاندا، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان كۈچلۈك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئاساسىي لۇشيەنى: پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ ۋە ئۇلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىپ، تۆت ئاساسىي پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، جاپالىق ئىشلەپ ئىگىلىك تىكلەپ، دۆلىتىمىزنى باي، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان كۈچلۈك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى سوتسىيالىزم ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىش داۋامىدا، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇشى، باشقا تۈرلۈك خىزمەتلەرنى مۇشۇ مەركەزگە بويسۇندۇرۇشى ۋە خىزمەت قىلدۇرۇشى شەرت. دۆلەتنى پەن- تېخنىكا، مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى ئىستراتېگىيەسى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسى، يېزىلارنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، رايونلارنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى، ئارمىيە ئېھتىياجى بىلەن خەلق ئېھتىياجىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى بولغان پەن- تېخنىكىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پەن- تېخنىكا تەرەققىياتىغا تايىنىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇش، خەلق دېموكراتىيەسى دىكتاتورىسىدا چىڭ تۇرۇش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، ماركسىزم- لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ تۆت ئاساسىي پىرىنسىپ − دۆلەت قۇرۇشىمىزنىڭ ئاساسى. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا، تۆت ئاساسىي پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش، بۇرژۇئازىيەچە ئەركىنلەشتۈرۈشكە قارشى تۇرۇش شەرت.

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇش − دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ مۇقەررەر يولى. ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، ئىشىكنى ئېچىۋەتكەندىلا جۇڭگونى تەرەققىي قىلدۇرالايمىز، سوتسىيالىزمنى تەرەققىي قىلدۇرالايمىز، ماركسىزمنى تەرەققىي قىلدۇرالايمىز. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى چۈشەپ قويىدىغان ئىقتىسادىي تۈزۈلمىنى تۈپتىن ئىسلاھ قىلىشتا سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ شۇنىڭغا يارىشا، سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ۋە باشقا ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى ئېلىپ بېرىش كېرەك. ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇش، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ياراتقان بارلىق مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنى قوبۇل قىلىش ۋە ئەينەك قىلىش كېرەك. ئىسلاھات- ئېچىۋېتىش ئىشلىرىدا دادىل ئىزدىنىش، باتۇرلۇق بىلەن يول تېپىش، ئىسلاھاتتا تەدبىر بەلگىلەشنىڭ ئىلمىيلىكىنى ئۆستۈرۈش، ئىسلاھاتنىڭ سىستېمىلىقى، ئومۇمىيلىقى، ماسلىشىشچانلىقىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا يېڭى يول ئېچىش كېرەك.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر