باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد باشقۇرۇش ئىنستىتۇتى مەسلىھەتچىلەر كومىتېتىنىڭ چەت ئەللىك ئەزالىرى ۋە جۇڭگو تەرەپ كارخانىچى ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى

2017.11.01 15:49   مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد باشقۇرۇش ئىنستىتۇتى مەسلىھەتچىلەر كومىتېتىنىڭ چەت ئەللىك ئەزالىرى ۋە جۇڭگو تەرەپ كارخانىچى ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10- ئاينىڭ 30- كۈنى خەلق سارىيىدا چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد باشقۇرۇش ئىنستىتۇتى مەسلىھەتچىلەر كومىتېتىنىڭ چەت ئەللىك ئەزالىرى ۋە جۇڭگو تەرەپ كارخانىچى ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى)

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 30- ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10- ئاينىڭ 30- كۈنى خەلق سارىيىدا چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد باشقۇرۇش ئىنستىتۇتى مەسلىھەتچىلەر كومىتېتىنىڭ چەت ئەللىك ئەزالىرى ۋە جۇڭگو تەرەپ كارخانىچى ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئەمدىلا يېپىلغان ج ك پ 19- قۇرۇلتىيى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، بىزنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا داۋاملىق مېڭىش ئىشەنچىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتتى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى. جۇڭگو ئىقتىسادى يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش باسقۇچىدىن يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىش باسقۇچىغا ئۆزگەردى. جۇڭگو ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نىشانى − سۈپەت، ئۈنۈم، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنىڭ ئۆزگىرىشى ئاساسىدا، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئومۇمىي ئامىل ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يېڭىلىق يارىتىش كۈچى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش. بىز يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، شەھەر- بازارلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ماس قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجادچان دۆلەت قۇرۇشنى تېزلىتىپ، يېزىلارنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى، رايونلارنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق ئوچۇق ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرىمىز.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىختىساسلىقلار يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئاساسى، يېڭىلىق يارىتىشتىكى يادرولۇق ئامىل. ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتە تۈپ جەھەتتىن مائارىپقا تايىنىش كېرەك. مائارىپ چەتتە قاراپ تۇرغۇچىلار ۋە ئۆكتىچىلەرنى ئەمەس، بەلكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈشى كېرەك. ھازىر جۇڭگو دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئۇنىۋېرسىتېتلارنى تېز قۇرۇش ۋە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان پەنلەرنى تېز بەرپا قىلىش ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرىنى تۈزۈپ، ئالىي مائارىپنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ھازىر زور ئىرادە ۋە سالماق بىلەن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرمەكتە، جۇڭگو داۋاملىق ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھات، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. جۇڭگو ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداش بىلەن بىللە، سىرتقا ئېچىۋېتىش تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، تەڭ پايدا ئالىدىغان ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي يولغا قويۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدۇ. جۇڭگو ئىقتىسادنى دۇنياۋىلاشتۇرۇشتا نەپكە ئېرىشكۈچى، شۇنداقلا ئۇنىڭغا تۆھپە قوشقۇچى، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىشى دۇنيانىڭ تەرەققىي قىلىشىنىڭ پۇرسىتى. جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىشى يېڭىش- يېڭىلىش بولماستىن، بەلكى ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش. جۇڭگودا: ئادەمگەرچىلىك ئېلىم- سېتىمدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، دەيدىغان گەپ بار. جۇڭگو مۇشتۇمزور ماددا تۈزمەيدۇ، باشقىلاردىن نەپ ئېلىشنى كۆزلىمەيدۇ. جۇڭگو ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىدىغان بىر قاتار تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويىدۇ. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ 5000 يىلدىن بۇيان ۋارىسلىق قىلىپ كېلىۋاتقىنى تىنچلىق گېنى، جۇڭگو تىنچلىق، تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، توغرا ئەخلاق- مەنپەئەت قارىشى يولىنى تۇتۇپ، ئورتاق كېڭىشىدىغان، ئورتاق قۇرىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان يەر شارىنى ئىدارە قىلىش قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، يەر شارىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپنىڭ پات يېقىندا جۇڭگوغا قىلىدىغان زىيارىتىنى كۈتۈۋاتىمەن. جۇڭگو ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، بىر- بىرىنىڭ مەنپەئىتى ۋە ئۆزئارا كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە ئۆزئارا ئېتىبار بېرىپ، ئىختىلاپ ۋە زىددىيەتلەرنى مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، جۇڭگو- ئامېرىكا ھەمكارلىقىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق نەپ ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدۇ، بىز جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستىقبالىغا ئۈمىدۋار پوزىتسىيە تۇتىمىز.

  شى جىنپىڭ ئەزالارنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە مائارىپ ئىشلىرىنى باشقۇرۇش، راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭگو بىلەن چەت ئەللەرنىڭ ئالاقە- ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇشقا ئاكتىپ تۆھپە قوشقانلىقىنى ئالقىشلىدى. ئەزالارنىڭ ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا كۆپرەك ئەقىل- چارە كۆرسىتىپ، جۇڭگو بىلەن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىقنى كۆپرەك قانات يايدۇرۇپ، دۇنياغا جۇڭگونى كۆپرەك ئوبيېكتىپ تونۇشتۇرۇپ، جۇڭگو خەلقى بىلەن ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە دوستلۇقىنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلدى.

  چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد باشقۇرۇش ئىنستىتۇتى مەسلىھەتچىلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بىرېيېر، پاۋلسون فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى پاۋلسون، «خېيشى» گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى سۇ شىمىن، «ئالما» شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى كوك، Face book شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى زۇككېربېرگ قاتارلىق ۋەكىل، ئەزالار ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى. ئۇلار ج ك پ 19- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى ھەم مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ 19- قۇرۇلتايدا بەرگەن دوكلات بىزدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى، جۇڭگو ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ كۈچلۈك تەرەققىياتىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك يېتەكچىلىك قىلدى، جۇڭگونىڭ نامراتلارنى ئازايتىش ئىشلىرىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى، يېڭىلىق يارىتىشقا، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى تىرىشچانلىقىنى ئالقىشلاشقا ئەرزىيدۇ. بىز جۇڭگونىڭ كەلگۈسىگە تولۇق ئىشەنچ بىلەن قارايمىز. خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشى داۋامىدا جۇڭگو بىلەن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى، جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئىشلاردا تېخىمۇ ئاكتىپ رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئامېرىكىدىكى ھەر ساھەدىكىلەرمۇ زۇڭتۇڭ ترامپنىڭ جۇڭگودىكى زىيارىتى ۋە ئامېرىكا- جۇڭگو باشلىقلىرى بېيجىڭ ئۇچرىشىشىنىڭ پائال نەتىجىگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، بىز ئامېرىكا- جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز.

  كۆرۈشۈشتىن بۇرۇن شى جىنپىڭ ئەزالار بىلەن بىر- بىرلەپ قول ئېلىشتى ھەم كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشتى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى دىڭ شۆشياڭ، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ما كەي، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندۇڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت كومىسسارى ياڭ جيېچى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى چېن يۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جۇ شياۋچۈەن قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ۋەكىل ليۇ جىخۈەي پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ «مائارىپنى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھ قىلىش» كوللېكتىپ زىيارىتىگە ق…
    ·قۇرۇلتاي ۋەكىلى چېن باۋشېڭ: ئائىلىسىدىكى قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن ئوقۇشتىن توختاپ قالىدىغان بالىدىن بىر…
    ·2018-يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش بۈگۈن رەسمىي باشلاندى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئېلىمىزنىڭ ئالىي مائارىپ بويىچە تەربىيەلىنىش ئومۇمىي كۆلىمى دۇنيا بويىچە 1-ئو…
    ·ئارمىيەدىن ئىبارەت چوڭ سەھنىدە قابىلىيىتىڭلارنى جارى قىلدۇرۇپ، گازارمىدىن ئىبارەت چوڭ پېچتا پولاتتە…
    ·شىنجاڭ ئاساسىي قاتلام سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرىغا 589 ئادەم تولۇقلاپ قوبۇل قىلىدۇ
    ·شىنجاڭدا ئۈچ يىل ئىچىدە 15 يىللىق مائارىپ ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ
    ·شىنجاڭدا 5000 مەمۇر ۋە ئوقۇتقۇچى مائارىپقا ياردەم بېرىشكە تاللاپ ئەۋەتىلىدۇ
    ·ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنۋان ۋە باھالاش تۈزۈمى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ
    ·گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشسىز قېلىشى…