خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاينىڭ 30-كۈنى، سۇرىيە پايتەختى دەمەشقدىكى مىنىڭ بازىرىدا، جۇڭگو ھۆكۈمىتى مەبلەغ ياردىمى بىلەن تەمىنلىگەن، خەلقئارا قىزىل كرېست جەمئىيىتى يۈرۈشتۈرگەن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىش پونكىتى سەرگەردانلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى تىزىملىماقتا.
بۇ يىل 5-ئايدا، سۇرىيە چېگراسى ئىچىدىكى ئۆي-ماكانسىزلار ۋە يۇرتىغا قايتقان مۇساپىرلارنى سۇ، يېمەكلىك، ۋاقىتلىق تۇرۇشلۇق جاي ۋە داۋالاش مۇلازىمىتى قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەشكە ئىشلىتىش ئۈچۈن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى قىزىل كرېست خەلقئارا كومىتېتىنى 1 مىليون دوللارلىق مەخسۇس تۈر بويىچە ياردەم بېرىش جىددىي مەبلىغى بىلەن تەمىنلىدى. قىش يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن، جۇڭگونىڭ خەير-ساخاۋەت چۈشلۈك تامىقى، سۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈسكۈنىسى قاتارلىق ئىنسانپەرۋەرلىك ماددىي ئەشياسى تۈرلۈك شەكىلدە ياردەمگە موھتاج سۇرىيەلىكلەرنىڭ قېشىغا يېتىپ باردى.
2011-يىلى سۇرىيە كىرىزىسى پارتلىغاندىن بۇيان، جۇڭگو ھۆكۈمىتى سۇرىيەنى ئىزچىل ھەر خىل ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ۋە قوللاش بىلەن پائال تەمىنلەپ كەلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى