باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى باش شۇجىسىنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشتى

2017.11.01 15:53   مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى باش شۇجىسىنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشتى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10- ئاينىڭ 30- كۈنى خەلق سارىيىدا ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى رۈەن فۇجۇڭنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى، مەركىزىي كومىتېت تاشقى ئالاقە بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خۇاڭ پىڭجۈن بىلەن كۆرۈشتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى)

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 30- ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10- ئاينىڭ 30- كۈنى خەلق سارىيىدا ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى رۈەن فۇجۇڭنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى، مەركىزىي كومىتېت تاشقى ئالاقە بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خۇاڭ پىڭجۈن بىلەن كۆرۈشتى.

  خۇاڭ پىڭجۈن ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى رۈەن فۇجۇڭنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭغا ئەۋەتكەن تەبرىك خېتىنى تاپشۇردى ھەم ئاغزاكى خەۋىرىنى يەتكۈزدى. رۈەن فۇجۇڭ ئاغزاكى خەۋىرىدە مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 19- قۇرۇلتىيى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغان پەيتتە، مەن ۋىيېتنام- جۇڭگو ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يولداش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يەنە بىر قېتىم سايلانغانلىقىنى ھەم پۈتۈن پارتىيە ھىمايە قىلىدىغان رەھبەرلىك يادروسى بولغانلىقىنى يۈزتۇرا تەبرىكلەش ئۈچۈن، ئالاھىدە ئەلچىنى جۇڭگوغا ئەۋەتتىم، بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 19- قۇرۇلتىيى قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرگە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنىڭ پارتىيەنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى قىلىپ تۇرغۇزۇلغانلىقىغا يۈكسەك باھا بېرىمىز. قېرىنداش جۇڭگو خەلقىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 19- قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۇلۇغۋار نىشانغا يېتىپ، جۇڭگونى باي- قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل بولغان كۈچلۈك سوتسىيالىستىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. ۋىيېتنام باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋىيېتنام- جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىگە ۋە ۋىيېتنام- جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشنى بىۋاسىتە ئىلگىرى سۈرگەنلىكىگە يۈكسەك باھا بېرىدۇ، مەن سىز بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ۋىيېتنام- جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ زور يېڭى تەرەققىياتلارغا ئېرىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ رۈەن فۇجۇڭنىڭ ئاغزاكى خەۋىرىگە رەھمەت ئېيتتى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ۋە ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى رۈەن فۇجۇڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 19- قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلغانلىقى ۋە مېنىڭ يەنە بىر قېتىم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى بولۇپ سايلانغانلىقىمنى تەبرىكلەپ، قىزغىنلىق ئۇرغۇپ تۇرغان تەبرىك خېتى ئەۋەتىپتۇ، شۇنداقلا قۇرۇلتاي ئەمدىلا يېپىلغاندا ئالاھىدە ئەلچىنى تەبرىكلەشكە ئەۋەتىپتۇ، بۇ، جۇڭگو- ۋىيېتنام ئىككى پارتىيەسىنىڭ دوستلۇق مېھرىنى ئىپادىلەيدۇ، شۇنداقلا ۋيېتنامنىڭ جۇڭگو- ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، ۋىيېتنامنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشى ۋە ئىسلاھات ئىشلىرىمۇ ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە قەدەم قويدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 19- قۇرۇلتىيىدا مەن ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. جۇڭگو- ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشتىمۇ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىقىمىز، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلىشىمىز كېرەك. بۇنىڭدىكى ئەسلىي مەقسەت ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم رەھبەرلىرى ئۆز قولى بىلەن بارلىققا كەلتۈرگەن ۋە كۆڭۈل قويۇپ يېتىلدۈرگەن جۇڭگو- ۋىيېتنامنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى؛ بۇنىڭدىكى بۇرچ ئىككى پارتىيە ئورتاق ئىگە بولغان غايە- ئېتىقاد ۋە تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىق. جۇڭگو ۋە ۋىيېتنامنىڭ ئىككى پارتىيەسى سوتسىيالىستىك دۆلەتلەردىكى ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە، بىز جۇڭگو- ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى نۇقتىدىن ۋە تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلامدىن كۆزىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. يېڭى بىر نۆۋەتلىك جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى رەھبەرلىك كوللېكتىپى ۋيېتنامغا قارىتىلغان دوستلۇق فاڭجېنىنى ئىلگىرىكىدەك يولغا قويۇپ، باش شۇجى رۈەن فۇجۇڭ باشچىلىقىدىكى ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى رەھبەرلىك كوللېكتىپى بىلەن بىللە، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالاقىدار مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، جۇڭگو- ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، ساغلام، مۇقىم راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  خۇاڭ پىڭجۈن ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ۋە رۈەن فۇجۇڭغا ۋاكالىتەن مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 19- قۇرۇلتىيى جۇڭگو پارتىيەسىنىڭ خۇشاللىنارلىق ئىشى، شۇنداقلا ۋىيېتنام پارتىيەسىنىڭ خۇشاللىنارلىق ئىشى، ۋىيېتنام 19- قۇرۇلتاي روھىنى ۋە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر چۈشىنىشكە تەشنا. ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى باش شۇجى شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى رەھبەرلىك كوللېكتىپى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، يېڭى دەۋردىكى ۋىيېتنام- جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈشنى خالايدۇ.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى دىڭ شۆشياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت كومىسسارى ياڭ جيېچى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ۋەكىل ليۇ جىخۈەي پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ «مائارىپنى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھ قىلىش» كوللېكتىپ زىيارىتىگە ق…
    ·قۇرۇلتاي ۋەكىلى چېن باۋشېڭ: ئائىلىسىدىكى قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن ئوقۇشتىن توختاپ قالىدىغان بالىدىن بىر…
    ·2018-يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش بۈگۈن رەسمىي باشلاندى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئېلىمىزنىڭ ئالىي مائارىپ بويىچە تەربىيەلىنىش ئومۇمىي كۆلىمى دۇنيا بويىچە 1-ئو…
    ·ئارمىيەدىن ئىبارەت چوڭ سەھنىدە قابىلىيىتىڭلارنى جارى قىلدۇرۇپ، گازارمىدىن ئىبارەت چوڭ پېچتا پولاتتە…
    ·شىنجاڭ ئاساسىي قاتلام سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرىغا 589 ئادەم تولۇقلاپ قوبۇل قىلىدۇ
    ·شىنجاڭدا ئۈچ يىل ئىچىدە 15 يىللىق مائارىپ ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ
    ·شىنجاڭدا 5000 مەمۇر ۋە ئوقۇتقۇچى مائارىپقا ياردەم بېرىشكە تاللاپ ئەۋەتىلىدۇ
    ·ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنۋان ۋە باھالاش تۈزۈمى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ
    ·گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشسىز قېلىشى…