باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز «ساد» مەسىلىسىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش جۇڭگو-كورېيە ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، دېدى

2017.11.01 15:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 31-ئۆكتەبىر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ جۇڭگو-كورېيە ئىككى تەرەپنىڭ جۇڭگو-كورېيە مۇناسىۋىتى قاتارلىق ئىشلاردا پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىغا قارىتا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ساد» مەسىلىسىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، جۇڭگو- كورېيە مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىدىكى توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاش ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، جۇڭگو-كورېيە ئورتاق تىرىشىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ بالدۇرراق نورمال تەرەققىيات ئىزىغا قايتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز.

  شۇ كۈندىكى مۇخبىرلار يىغىنىدا، بىر مۇخبىر: بىز جۇڭگو- كورېيە ئىككى تەرەپنىڭ جۇڭگو-كورېيە مۇناسىۋىتى قاتارلىق ئىشلاردا پىكىر ئالماشتۇرۇشى ھەققىدىكى خەۋەر ئورىگىنالىغا دىققەت قىلدۇق. بۇ، جۇڭگونىڭ «ساد» مەسىلىسىدە مەيدانىنى ئۆزگەرتىپ، جۇڭگو-كورېيە مۇناسىۋىتىدە ئاللىقاچان ئۆزگىرىش بولغانلىقىدىن دېرەك بېرەمدۇ؟ دەپ سورىدى.

  خۇا چۈنيىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ «ساد» مەسىلىسىدىكى مەيدانى ئېنىق، ئىزچىل، ئۆزگەرمەيدۇ. جۇڭگو تەرەپ كورېيە تەرەپنىڭ ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېمىسىغا كىرمەيدىغانلىقى، كورېيە- ئامېرىكا-ياپونىيە بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى ئۈچ تەرەپ ھەربىي ئىتتىپاقىغا تەرەققىي قىلدۇرمايدىغانلىقى، «ساد» سىستېمىسىنى ئۈستلىمە ئورناتمايدىغانلىقى، نۆۋەتتە كورېيەدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان «ساد» سىستېمىسىنىڭ جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيەلىك خەۋپسىزلىك مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى ئاشكارا بىلدۈرگەنلىكىگە دىققەت قىلدى. بىز كورېيەنىڭ سۆزى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك بولۇپ، يۇقىرىدا بىلدۈرگەن ئىپادىسىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالاقىدار مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق جايدا ھەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: «ساد» مەسىلىسىنى مۇۋاپىق، جايىدا بىر تەرەپ قىلىپ، جۇڭگو-كورېيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاش ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ھەمدە ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. جۇڭگو-كورېيە ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ بالدۇرراق نورمال تەرەققىيات ئىزىغا سېلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر