باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى باش شۇجىسىنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشتى

2017.11.01 15:58   مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى باش شۇجىسىنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشتى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10- ئاينىڭ 30- كۈنى خەلق سارىيىدا لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى بېن ياڭنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى، تاشقى ئالاقە بۆلۈمىنىڭ باشلىقى شۈن تۇڭ بىلەن كۆرۈشتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى)

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 30- ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10- ئاينىڭ 30- كۈنى خەلق سارىيىدا لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى بېن ياڭنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى، تاشقى ئالاقە بۆلۈمىنىڭ باشلىقى شۈن تۇڭ بىلەن كۆرۈشتى.

  شۈن تۇڭ باش شۇجى بېن ياڭنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭغا يازغان تەبرىك خېتىنى تاپشۇردى ھەم ئاغزاكى خەۋىرىنى يەتكۈزدى. بېن ياڭ ئاغزاكى خەۋىرىدە مۇنداق دېدى: مەن لائوس پارتىيەسىگە ۋاكالىتەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 19- قۇرۇلتىيىدا قولغا كەلتۈرگەن شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى، يولداش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا يەنە بىر قېتىم سايلانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. باش شۇجى شى جىنپىڭ مول سىياسىي تەجرىبىسى ۋە يۇقىرى رەھبەرلىك سەنئىتى بىلەن، جۇڭگو پارتىيەسى، ھۆكۈمىتى ۋە قېرىنداش جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ، تۈرلۈك ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يۈكسەك ئىشەنچى ۋە ھىمايىسىگە ئېرىشتى. بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 19- قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن توغرا لۇشيەننىڭ يېتەكچىلىكىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ قېرىنداش جۇڭگو خەلقىنى داۋاملىق يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە ئومۇميۈزلۈك يېڭى زور غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانلىرى ۋە تارىخىي بۇرچىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىمىز. لائوس باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ لائوس- جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ۋە بىۋاسىتە يېتەكچىلىك قىلغانلىقىغا يۈكسەك باھا بېرىدۇ، مەن سىز بىلەن بىللە تىرىشىپ، لائوس- جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى يېڭى يۈكسەكلىككە ئۈزلۈكسىز كۆتۈرۈشنى خالايمەن.

  شى جىنپىڭ بېن ياڭنىڭ ئاغزاكى خەۋىرىگە رەھمەت ئېيتتى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: لائوس پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى بېن ياڭ ئايرىم- ئايرىم ھالدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19- قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلغانلىقى ۋە مېنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا يەنە بىر قېتىم سايلانغانلىقىمغا قارىتا قىزغىنلىق ئۇرغۇپ تۇرغان تەبرىك خېتى ئەۋەتىپتۇ، يەنە قۇرۇلتاي ئەمدىلا يېپىلغاندا يولداش شۈن تۇڭنى مەخسۇس جۇڭگوغا كېلىپ تەبرىكلەشكە ئەۋەتىپتۇ. بۇ بىز ئىككى پارتىيەنىڭ دوستلۇق مېھرىنى ئىپادىلەيدۇ، شۇنداقلا باش شۇجى بېن ياڭ باشچىلىقىدىكى لائوس پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگو- لائوس ئىككى پارتىيەسى، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، بۇ مۇھىم ھۆكۈم جۇڭگونىڭ دۆلەت ۋە مىللىي تەرەققىيات تارىخىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماي، دۇنيا سوتسىيالىزمى، ھەتتا ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇزاقتىن بۇيان، جۇڭگو، لائوسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سوتسىيالىستىك دۆلەتلەر ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان، مۇستەقىل، ئۆز- ئۆزىگە خوجا بولىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ھارماي- تالماي ئىزدەندى، شۇنداقلا كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو- لائوس ئىككى پارتىيەسى جۇڭگو- لائوس مۇناسىۋىتىنىڭ ئالاھىدە ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىگە تېخىمۇ يۇقىرى نۇقتا ۋە تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلامدىن قاراپ ھەم ئۇنى ئىگىلەپ، ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە دۇنيا سوتسىيالىزمىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن دەۋر تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يېڭى تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىشى ۋە يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇشى كېرەك. يېڭى بىر نۆۋەتلىك جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى رەھبەرلىك كوللېكتىپى داۋاملىق ھالدا باش شۇجى بېن ياڭ باشچىلىقىدىكى لائوس پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى رەھبەرلىك كوللېكتىپى بىلەن بىرلىكتە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىگە بولغان سىياسىي يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، «ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇش، قوشنىلار ئارا دوستانە ئۆتۈش، ئۆزئارا ئىشىنىش، ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىشىش» فاڭجېنى ۋە «ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى يولداش، ياخشى ھەمراھ بولۇش» روھى بويىچە، جۇڭگو- لائوسنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك، ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  شۈن تۇڭ لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ۋە بېن ياڭغا ۋاكالىتەن مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 19- قۇرۇلتىيىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرگەنلىكىدىن ئىبارەت مۇھىم سىياسىي ھۆكۈم چىقىرىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى پارتىيەنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى قىلىش بېكىتىلدى، لائوس بۇنىڭغا يۈكسەك باھا بېرىدۇ، بۇنىڭدىن چوڭقۇر ئىلھام ئالىدۇ ۋەئۇنى ئۆگىنىش، ئۇنىڭدىن ئۆرنەك ئېلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى باش شۇجى شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى رەھبەرلىك كوللېكتىپى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، يېڭى دەۋردىكى لائوس- جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك، ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى بالداققا ئورتاق كۆتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى دىڭ شۆشياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت كومىسسارى ياڭ جيېچى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ۋەكىل ليۇ جىخۈەي پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ «مائارىپنى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھ قىلىش» كوللېكتىپ زىيارىتىگە ق…
    ·قۇرۇلتاي ۋەكىلى چېن باۋشېڭ: ئائىلىسىدىكى قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن ئوقۇشتىن توختاپ قالىدىغان بالىدىن بىر…
    ·2018-يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش بۈگۈن رەسمىي باشلاندى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئېلىمىزنىڭ ئالىي مائارىپ بويىچە تەربىيەلىنىش ئومۇمىي كۆلىمى دۇنيا بويىچە 1-ئو…
    ·ئارمىيەدىن ئىبارەت چوڭ سەھنىدە قابىلىيىتىڭلارنى جارى قىلدۇرۇپ، گازارمىدىن ئىبارەت چوڭ پېچتا پولاتتە…
    ·شىنجاڭ ئاساسىي قاتلام سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرىغا 589 ئادەم تولۇقلاپ قوبۇل قىلىدۇ
    ·شىنجاڭدا ئۈچ يىل ئىچىدە 15 يىللىق مائارىپ ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ
    ·شىنجاڭدا 5000 مەمۇر ۋە ئوقۇتقۇچى مائارىپقا ياردەم بېرىشكە تاللاپ ئەۋەتىلىدۇ
    ·ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنۋان ۋە باھالاش تۈزۈمى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ
    ·گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشسىز قېلىشى…