باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

نيۇ يوركنىڭ مانخاتتاندا يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن ئادەم سوقۇش تېررورلۇق ھۇجۇم ۋەقەسى يۈز بېرىپ، سەككىز ئادەم قازا قىلدى

2017.11.01 16:34   مەنبە: خەلق تورى

نيۇ يوركنىڭ مانخاتتاندا يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن ئادەم سوقۇش تېررورلۇق ھۇجۇم ۋەقەسى يۈز بېرىپ، سەككىز ئادەم قازا قىلدى

  10-ئاينىڭ 31-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ نيۇ يورك شەھىرىدىكى مانخاتتان رايونىدا، ساقچىلار ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى نەق مەيدانى ئەتراپىدا قاراۋۇللۇق قىلماقتا.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نيۇ يورك ساقچى تەرەپنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نيۇيوركنىڭ مانخاتتاندا 10-ئاينىڭ 31-كۈنى يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن ئادەم سوقۇپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. نيۇ يورك شەھىرىنىڭ باشلىقى دېبراسىئو: ۋەقە سەككىز ئادەمنىڭ قازا قىلىپ، نۇرغۇن ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، بۇ بىر تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش قىلمىشى، دېدى.

  نيۇ يورك ساقچى تەرەپ تۋىتتىردا يازما يوللاپ مۇنداق دېدى: 31-چېسلا چۈشتىن كېيىن، بىر يۈك ئاپتوموبىلى مانخاتتاندىكى دۇنيا سودا مەركىزى ئەتراپىدىكى پىيادىلەر ۋە ۋېلىسىپىت يولىغا كىرىپ، نۇرغۇن ئادەمنى سوققاندىن كېيىن داۋاملىق ماڭغان ھەم يەنە بىر ماشىنىغا سوقۇلۇپ كەتكەن. ئارقىدىن شوپۇر تەقلىد قىلىپ ياسالغان قورالنى كۆتۈرۈپ ماشىنىدىن چۈشكەن، كېيىن ساقچىلار ئوق چىقىرىپ يارلاندۇرغان.

  ساقچىلار: جىنايەت گۇماندارى ھازىر تۇتۇپ تۇرۇلماقتا، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ۋەكىل ليۇ جىخۈەي پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ «مائارىپنى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھ قىلىش» كوللېكتىپ زىيارىتىگە ق…
    ·قۇرۇلتاي ۋەكىلى چېن باۋشېڭ: ئائىلىسىدىكى قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن ئوقۇشتىن توختاپ قالىدىغان بالىدىن بىر…
    ·2018-يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش بۈگۈن رەسمىي باشلاندى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئېلىمىزنىڭ ئالىي مائارىپ بويىچە تەربىيەلىنىش ئومۇمىي كۆلىمى دۇنيا بويىچە 1-ئو…
    ·ئارمىيەدىن ئىبارەت چوڭ سەھنىدە قابىلىيىتىڭلارنى جارى قىلدۇرۇپ، گازارمىدىن ئىبارەت چوڭ پېچتا پولاتتە…
    ·شىنجاڭ ئاساسىي قاتلام سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرىغا 589 ئادەم تولۇقلاپ قوبۇل قىلىدۇ
    ·شىنجاڭدا ئۈچ يىل ئىچىدە 15 يىللىق مائارىپ ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ
    ·شىنجاڭدا 5000 مەمۇر ۋە ئوقۇتقۇچى مائارىپقا ياردەم بېرىشكە تاللاپ ئەۋەتىلىدۇ
    ·ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنۋان ۋە باھالاش تۈزۈمى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ
    ·گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشسىز قېلىشى…