باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۇپراقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش لازىم

2017.11.01 15:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاشلىق بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، تۇپراقنىڭ سۈپىتىگە دىققەت قىلمىسا بولمايدۇ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى بىلەن تۇپراق سۈپىتىنىڭ مۇناسىۋىتىنى زىچ باغلاش لازىم. خىمىيەۋى ئوغۇت دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرىدۇ، دۇنيانىڭ زىرائەتلەرگە بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ. لېكىن يەنە خىمىيەۋى ئوغۇتنىڭ زىرائەتلەرگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنىمۇ ئويلىنىش كېرەك. تەبىئىي مۇھىتتا، تۇپراقنىڭ سىرتقى قەۋىتىدىكى تاغ جىنسلىرى شامال، يامغۇر قاتارلىق كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ تەسىرىدە فىزىكىلىق، خىمىيەلىك، بىيولوگىيەلىك ئامىللار ئاستىدا يىمىرىلىدۇ، پارچىلىنىدۇ، ئۆزگىرىدۇ. تۇپراقنى ئانالىز قىلىش جەريانىدا بۇ ئامىللارغا دىققەت قىلىش كېرەك.

  كالىي شىپاتنى ئىشلىتىشنىڭ ئاشلىق ھوسۇلىنى ئاشۇرۇش ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ، تۇپراقنى تېز سۈرئەتتە ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. ئوخشاش بولمىغان تۇپراق تەركىبىگە قارىتا ئوخشاش بولمىغان بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، تۇپراقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە بولىدۇ.

  (ئاپتورى ماسساچوستېس تەبىئىي پەنلەر ئىنىستىتوتى ماتېرىيال ئىلمى ۋە قۇرۇلۇش فاكۇلتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى داۋىد سىسېرى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر