باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قۇرۇلتاي ۋەكىلى چېن باۋشېڭ: ئائىلىسىدىكى قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن ئوقۇشتىن توختاپ قالىدىغان بالىدىن بىرىمۇ بولماسلىق نىشانى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى

2017.10.23 15:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا، «خەلقنىڭ يېڭى ئۈمىدىنى قاندۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش» تېمىسىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى بېيجىڭ مېيدىيا مەركىزىدە ئېچىلدى. يىغىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋە پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى چېن باۋشېڭ خەلقنىڭ يېڭى ئۈمىدىنى قاندۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى، ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  چېن باۋشېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بۇ بەش يىلدا خەلقنىڭ مائارىپقا بولغان ئېرىشىش تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيگەن بەش يىل بولدى. مەن بۇ يەردە كۆپچىلىككە بىر سانلىق مەلۇماتنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن. ئۇ بولسىمۇ، بۇ بەش يىلدا، بىز بىرى كەم بولسىمۇ بولمايدۇ، دېگەن بىر پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، يېزىلاردىكى نامرات رايونلار ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى كۈچەيتتۇق. بۇ بەش يىلدا، ئائىلىسىدىكى قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن ئوقۇشتىن توختاپ قالغان بالىدىن بىرىمۇ بولماسلىق نىشانىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇردۇق، بۇمۇ قالتىس نەتىجە ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، %90تىن كۆپ مېيىپ بالىلار تەربىيەلىنىش پۇرسىتىدىن بەھرىمەن بولدى، بۇمۇ قالتىس بىر ئىش بولدى. ھازىر يەنە دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئۇلار بىللە كەلگەن پەرزەنتلىرىدىن %80تىن ئارتۇق بالا بارغان جايىدىكى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا، بارغان جايىدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىشقا بولىدىغان بولدى. 2017- يىلى، دېھقان ئىشلەمچىلەر پەرزەنتلىرىنىڭ تۇرۇشلۇق جايىدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىشقا تىزىملاتقانلىرىنىڭ سانى 150 مىڭ ئادەمگە يەتكەن بولۇپ، بۇنداقلار بەش يىلدىن بۇرۇنقىسىنىڭ 36.5 ھەسسىسىنى ئىگەللەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر