باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ شىزاڭلىق چارۋىچى ئاممىغا جاۋاب خەت يېزىپ

ئۇلارنى كېسان گۈلىگە ئوخشاش قارلىق چېگرادا يىلتىز تارتىپ، مۇقەددەس دۆلەت زېمىنىنى قوغدىغۇچىلاردىن، بەختلىك يۇرت-ماكاننى قۇرغۇچىلاردىن بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى

2017.10.30 17:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىزاڭ ئاپتونوم رايونى لۇڭزى ناھىيەسى يۈمەي يېزىسىدىكى چارۋىچى جوگا، ياڭزۇڭ ئاچا-سىڭىللارغا يازغان جاۋاب خېتى

  يولداش جوگا، ياڭزۇڭ:

  ياخشىمۇسىلەر! خېتىڭلارنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھاياجانلاندىم. دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3600 مېتىردىن ئاشىدىغان، ھەر يىلى يېرىم يىلدىن كۆپرەك قېلىن قار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدىغان چېگرادىكى ئېگىزلىكتە، سىلەر ئاتا-بالا ئىككى ئەۋلاد نەچچە ئون يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، ۋەتىنىمىز زېمىنىنى ئۈن-تۈنسىز قوغدىدىڭلار، بۇ روھىڭلار كىشىنى قايىل قىلىدۇ. مەن سىلەرگە، ئۇزاقتىن بۇيان چېگرا قوغداش، چېگرانى مۇستەھكەملەشكە سادىقلىق بىلەن تۆھپە قوشۇۋاتقان يولداشلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن ۋە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.

  ئۆيىمىز يۈمەي، ۋەتىنىمىز جۇڭگو، مال بېقىپ چېگرانى قوغداش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز دېگەن گېپىڭلار ماڭا بەك ياقتى. دۆلەت بولغاندىلا ئائىلە بولىدۇ، چېگرا رايون تىنچ بولمىسا، تۈمەنلىگەن ئائىلىنىڭ خاتىرجەملىكى بولمايدۇ. ۋەتەن زېمىنىدىكى ھەربىر تۈپ گىياھ، ھەر بىر تۈپ دەرەخنى ياخشى قوغدىشىمىز كېرەك. سىلەرنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش، چېگرانى قوغداش روھىغا داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىشىڭلارنى، تېخىمۇ كۆپ چارۋىچى ئاممىنى يېتەكلەپ، كېسان گۈلىگە ئوخشاش قارلىق چېگرادا يىلتىز تارتىپ، مۇقەددەس دۆلەت زېمىنىنى قوغدىغۇچىلاردىن، بەختلىك يۇرت-ماكاننى قۇرغۇچىلاردىن بولۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  19-قۇرۇلتاي ئەمدىلا ئېچىلدى، پارتىيەمىز ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش بەرپا قىلىشقا يېتەكلەيدۇ. كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، يۈمەيدىن ئىبارەت ئىلگىرىكى «ئۈچ كىشىلىك يېزا» چوقۇم بەختىيار، گۈزەل، ھاللىق سەۋىيەگە يەتكەن يېزا قىلىپ قۇرۇپ چىقىلىدۇ، يۇرتداشلارنىڭ كۈنى چوقۇم كۈندىن-كۈنگە ياخشىلىنىدۇ!

  شى جىنپىڭ

  2017-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 10-ئاينىڭ 28-كۈنى شىزاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ لۇڭزى ناھىيەسى يۈمەي يېزىسىدىكى چارۋىچى جوگا، ياڭزۇڭ ئاچا-سىڭىللارغا جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇلار ئاتا-بالا ئىككى ئەۋلادنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ۋەتەن چېگراسىنى قوغدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، ئۇزاقتىن بۇيان چېگرانى قوغداش، چېگرانى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن سادىقلىق بىلەن تۆھپە قوشۇۋاتقان يولداشلارغا رەھمەت ئېيتتى، دېھقان-چارۋىچىلارنى چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، دۆلەت زېمىنىنى ياخشى قوغداپ، يۇرت-ماكانىنى گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا رىغبەتلەندۈردى.

  شى جىنپىڭ خېتىدە مۇنداق دېدى: دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3600 مېتىردىن ئاشىدىغان، ھەر يىلى يېرىم يىلدىن كۆپرەك قېلىن قار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدىغان چېگرادىكى ئېگىزلىكتە، سىلەر ئاتا-بالا ئىككى ئەۋلاد نەچچە ئون يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، ۋەتىنىمىز زېمىنىنى ئۈن-تۈنسىز قوغدىدىڭلار، بۇ روھىڭلار كىشىنى قايىل قىلىدۇ. مەن سىلەرگە، ئۇزاقتىن بۇيان چېگرا قوغداش، چېگرانى مۇستەھكەملەشكە سادىقلىق بىلەن تۆھپە قوشۇۋاتقان يولداشلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن ۋە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دۆلەت بولغاندىلا ئائىلە بولىدۇ، چېگرا رايون تىنچ بولمىسا، تۈمەنلىگەن ئائىلىنىڭ خاتىرجەملىكى بولمايدۇ. ۋەتەن زېمىنىدىكى ھەربىر تۈپ گىياھ، ھەر بىر تۈپ دەرەخنى ياخشى قوغدىشىمىز كېرەك. سىلەرنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش، چېگرانى قوغداش روھىغا داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىشىڭلارنى، تېخىمۇ كۆپ چارۋىچى ئاممىنى يېتەكلەپ، كېسان گۈلىگە ئوخشاش قارلىق چېگرادا يىلتىز تارتىپ، مۇقەددەس دۆلەت زېمىنىنى قوغدىغۇچىلاردىن، بەختلىك يۇرت-ماكاننى قۇرغۇچىلاردىن بولۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر