باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جاۋ لېجى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۈكلىگەن زور سىياسىي مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىش كېرەك

2017.10.30 17:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دائىمىي كومىتېتى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى تۇنجى قېتىملىق يىغىنىنى ئاچتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاۋ لېجى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرۇچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، دادىللىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىپ، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنى پارتىيەگە سادىق، كۈچلۈك جەڭگىۋار كوللېكتىپ قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداشتىن ئىبارەت زور سىياسىي مەسئۇلىيەتنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىش كېرەك.

  جاۋ لېجى مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش پۈتۈن پارتىيەنىڭ ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، ئويلىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆزى ۋە مەسئۇلىيىتى ھەققىدە ئويلىنىپ، چۈشىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە پۈتۈن پارتىيەدىكى يادرولۇق ئورنىنى تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى ۋە بىردەكلىك ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئىدىيە، سىياسىي ۋە ھەرىكەت جەھەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشى؛ تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا مېڭىنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى بىلەن قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچى قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ماركسىزملىق نەزەرىيە سەۋىيەسىنى ئۈزۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشى؛ ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ياخشى ئۇسۇل، ياخشى تەجرىبىلىرىنى تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، بوشاشماي، توختاپ قالماي، قايتىدىن يولغا چىقىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ يېڭى ئورۇنلاشتۇرۇش، يېڭى تەلىپى بويىچە، پارتىيە نىزامنامىسى يۈكلىگەن نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، داۋاملىق ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇتلەق غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى زور كۈچ بىلەن مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چىرىكلىشىشكە جۈرئەت قىلدۇرماسلىق ھەيۋىسىنى كۈچەيتىپ، چىرىكلىشىشكە يول قويماسلىق قەپىسىنى مۇستەھكەملەپ، چىرىكلىشىشنى خالىماسلىق ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، يېڭى ئىستىل بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر