خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى يېپىلىپ بىر ھەپتە ئۆتۈپلا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭنى باشلاپ، 10-ئاينىڭ 31-كۈنى بېيجىڭدىن شاڭخەي ۋە جېجياڭ جياشىڭغا بېرىپ، شاڭخەيدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 1-قۇرۇلتىيى ئېچىلغان جاي ۋە جېجياڭ جياشىڭنىڭ نەنخۇ كۆلىدىكى قىزىل كېمىگە ئېھتىرام بىلدۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى قايتا ئەسلەپ، پارتىيەگە كىرىش قەسەمنامىسىنى تەكرارلاپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ قەتئىي سىياسىي ئېتىقادىنى تەنتەنىلىك جاكارلىدى. شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەڭگۈ كۈرەش قىلغاندىلا، ئاندىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەڭگۈ ياشىرىپ تۇرىدۇ. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاپاغا چىداپ ئەمەلىي ئىشلەيدىكەن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت غايەت چوڭ كېمە جەزمەن دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، شانلىق غەلىبە قىرغىقىغا ئوڭۇشلۇق يېتىپ بارالايدۇ.
شى جىنپىڭ قاتارلىقلار 10-ئاينىڭ 31-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئايروپىلاندىن چۈشۈپلا، شاڭخەي شەھىرى «شىڭيې» يولى 76-نومۇردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 1-قۇرۇلتىيى ئېچىلغان جايغا كەلدى. تارىخنىڭ بوران-چاپقۇنلىرىغا شاھىد بولغان شىكۇمېن بىناسى 1952-يىلى 9-ئايدا قايتا رېمونت قىلىنىپ سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ، ئاۋات زامانىۋى شەھەرنىڭ مەركىزىدە ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. 96 يىلنىڭ ئالدىدا، يەنى 1921-يىلى 7-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 1-قۇرۇلتىيى بۇ يەردە ئۆتكۈزۈلگەنىدى، يىغىننىڭ ئاساسلىق قارالمىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى قۇرۇش ئىدى.
شى جىنپىڭ قاتارلىقلار «شىڭيې» يولىدا ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپ پىيادە مېڭىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 1-قۇرۇلتىيى خاتىرە سارىيىغا كەلدى. شى جىنپىڭ ئىلگىرى شاڭخەيدە خىزمەت قىلغان مەزگىلدە بۇ يەرگە ئۈچ قېتىم كەلگەنىدى. شى جىنپىڭ بۇ يەرگە كېلىپ، ئالدى بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 1-قۇرۇلتىيى ئېچىلغان يىغىن زالىنىڭ ئەسلىدىكى ئورنىغا ئېھتىرام بىلدۈردى. 18 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان ئۆي قۇرۇلتاي ئېچىلغان ئەينى چاغدىكى ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرۈلۈپ ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى. شى جىنپىڭ ئۆيگە خېلى ئۇزاق نەزەر سالغاندىن كېيىن، قۇرۇلتاي ئېچىلغان ئورۇننى قەتئىي ياخشى قوغداش، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىشنى تاپىلىدى. شى جىنپىڭ ھاياجان بىلەن مۇنداق دېدى: يولداش ماۋ زېدۇڭ بۇ جاينى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ «تۇغۇت كارىۋىتى» دەپ ناھايىتى ئوبرازلىق تەرىپلىگەنىدى، مېنىڭچە، بۇ يەرنى بىز كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ مەنىۋى ماكانى، دېسەك بولىدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى