باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ھازىر كانادادىكى ئىككىنچى چوڭ ساياھەتچىلەر مەنبەسى دۆلىتىگە ئايلاندى

2017.11.01 16:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2018- يىلى جۇڭگو-كانادا ساياھەت يىلىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، كانادا ساياھەت كەسپى كەسپىپداشلار ئالماشتۇرۇش يىغىنى يېقىندا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇنىڭدا، جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ كاناداغا بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە كاناداغا بېرىپ ساياھەت قىلىش ئىشىغا تېخىمۇ كۆپ ساندىكى جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش مەقسەت قىلىنغان.

  كانادا ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى دۇ كېۋېن مۇنداق دېدى: ئايروپورت، مېھمانساراي، سودا سارىيى ۋە مەنزىرە رايونلىرىدا جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنى تېخىمۇ كۆپ خەنزۇچە بەلگە تاختىسى ۋە باشقا خەنزۇچە مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ. يېمەك-ئىچمەك ئادىتى جەھەتتە جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى تېخىمۇ كۆپ ئويلىشىپ، نۇرغۇن مېھمانساراي ۋە ئاشخانىلاردا ئىسسىق سۇ بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  چاڭغا تېيىلىپ زوق ئېلىشنى ھېس قىلىش نۇرغۇن جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ كاناداغا بېرىپ ساياھەت قىلىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى. دۇ كېۋېن مۇنداق دېدى: كانادادا يۇمشاق ۋە قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرى تولۇق بولغان چوڭ تىپتىكى بىرمۇنچە قار تېيىلىش مەيدانلىرى بار. ساياھەتچىلەر ئۆزلىرىنىڭ چاڭغا تېيىلىشتىكى چىدامچانلىقىغا قاراپ، ئوخشىمىغان تىپتىكى چاڭغا تېيىلىش يوللىرىنى تاللىۋالسا بولىدۇ. ئوخشاش بولمىغان ياش باسقۇچلىرىدىكى ساياھەتچىلەر ئۆزىگە ماس كېلىدىغان قار ئۈستى تۈرىنى تاپالايدۇ. كانادا ئائىلىنى بىرلىك قىلغان ھالدا ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ بېرىپ ساياھەت قىلغۇچىلارغا ئىنتايىن ماس كېلىدۇ، ھەمدە كۆپ قىسىم چاڭغا تېيىلىش مەيدانلىرى ساياھەتچىلەرنى چاڭغا تېيىلىش يول كۆرسەتمىسىنىڭ خەنزۇچە ماتېرياللىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  تېخىمۇ كۆپ جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنى كاناداغا جەلپ قىلىپ، جۇڭگو-كانادا ئىككى دۆلەتنىڭ ئەلئارا دوستلۇق ئالاقىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ھازىرقى بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ، چۇڭچىڭ، شياڭگاڭ قاتارلىق بەش جايدىكى ۋىزا بېجىرىش مەركەزلىرىدىن باشقا، كانادادىكى يەنە يەتتە شەھەردە ۋىزا بېجىرىش مەركەزلىرىنى كۆپەيتىپ قۇرۇش مۆلچەرلەنمەكتە. تېخىمۇ كۆپلىگەن ئىككىنچى قاتاردىكى ساياھەتچىلەرنى كانادانى ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلىش بىز ئۈچۈن كۆپ قولايلىق ھېسابلىنىدۇ. دۇ كېۋېن مۇنداق دېدى: بىز شۇنى رازىمەنلىك بىلەن كۆردۇقكى، كانادانىڭ چېگرا سىرتىدىكى ساياھەتچىلەر بايلىقى جەھەتتە، جۇڭگو ھازىر كانادانىڭ ئىككىنچى چوڭ ساياھەتچىلەر مەنبەسى دۆلىتى بولۇپ قالدى، ھەمدە ساياھەتچىلەرنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولىۋاتقان چەتئەل بازىرىغا ئايلاندى. مۆلچەرلىنىشىچە، كەلگۈسى تۆت يىلدا كانادانى ساياھەت قىلىدىغان جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ سانى يەنە بىر ھەسسە ئېشىشى مۇمكىن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر