- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب ئىقتىساد كومىتېتى لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ بۇ يىللىق جۇڭگوغا قىلىدىغان ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 23 پىرسەنت ئاشىدۇ دەپ مۆلچەرلىدى
2017.11.01 16:52 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارپ ئىقتىساد كومىتېتى ئۈلۈشكۈن دوكلات ئېلان قىلىپ: لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارپ رايونىنىڭ بۇ يىللىق ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى ئۆتكەن يىلدىكىدىن 10 پىرسەنت ئاشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگوغا قىلىدىغان ئېكسپورتى ئۆتكەن يىلدىكىدىن 23 پىرسەنت ئاشىدۇ دەپ مۆلچەرلىدى.
دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارپ رايونىنىڭ مۇھىم ئېكسپورت دۆلىتى. بۇنىڭدىن باشقا دوكلاتتا بۇ يىل بۇ رايوننىڭ جۇڭگودىن باشقا ئاسىيا رايونىغا قىلىدىغان ئېكسپورتى 17 پىرسەنت ئاشىدۇ، ئامېرىكىغا قىلىدىغان ئېكسپورتى 9 پىرسەنت ئاشىدۇ، ياۋروپاغا قىلىدىغان ئېكسپورتى 6 پىرسەنت ئاشىدۇ دەپ مۆلچەرلەندى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر