- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ
2017.11.02 14:45 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ 2-نويابىر مۇنۇلارنى جاكارلىدى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زۇڭتۇڭى دونالد ترامپ 11- ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ. زىيارەت ۋاقتىدا، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان زور خەلقئارالىق ۋە رايون مەسىلىلىرىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، زۇڭتۇڭ ترامپنىڭ جۇڭگونى زىيارەت قىلىشى ۋە جۇڭگو- ئامېرىكا باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىدا مۇھىم نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى ھاياتىي كۈچ بېغىشلاشنى خالايدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر