خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-نويابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11-ئاينىڭ 1-كۈنى دىياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانسارىيىدا رۇسىيە زۇڭلىسى مېدۋېدېۋ بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مېدۋېدېۋنىڭ ج ك پ 19-قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك يېپىلغاندىن كېيىنلا جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى ھەم مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: رۇسىيە جۇڭگونىڭ ئەڭ چوڭ قوشنىسى ۋە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھى، جۇڭگونىڭ جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى ئېنىق نىشانى ۋە قەتئىي ئىرادىسى ئۆزگەرمەيدۇ. جۇڭگو رۇسىيە بىلەن بىرگە ھەرقايسى ساھەلەر ۋە ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، خەلقئارا ئىشلاردىكى ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. ئىشىنىمەنكى، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا يېڭى پۇرسەتنى تۇتۇپ، يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلىپ، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى