باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2016-يىلى دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئىچى-سىرتىدىن قوبۇل قىلغان ئىئانە پۇل ۋە بۇيۇملار قىممىتى 139 مىليارد 294 مىليون يۈەنگە يەتتى

2017.11.03 15:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-نويابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈن، جۇڭگو خەير-ساخاۋەت بىرلەشمىسى بېيجىڭدا «2016-يىللىق جۇڭگو خەير-ساخاۋەت ئىئانە دوكلاتى»نى ئېلان قىلدى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2016-يىلى دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن قوبۇل قىلغان ئىئانە پۇل ۋە ماددى بۇيۇم سوممىسى 139 مىليارد 294 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بىر يىل بۇرۇنقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %25.65 ئېشىپ، ئىجتىمائىي ئىئانە ئومۇمىي مىقدارى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، جۇڭگو خەير-ساخاۋەت بىرلەشمىسىنىڭ 2016-يىللىق دۆلەت ئىچى (شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ۋە تەيۋەن رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)دە ئاشكارا ئىئانە قىلىنغان بىر يىللىق سانلىق مەلۇمات نازارەت، ئىستاتىستىكا ۋە تەھلىل قىلىنغان بولۇپ، «دوكلات»تا ھەر قايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئاشكارىلىغان چوڭ سوممىلىق ئىئانە قىلىش سانلىق مەلۇماتلىرى ئىشلىتىلگەن (بىر قېتىملىق ئىئانە سوممىسى 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغان ۋە نەقلەشكەن سوممىنى كۆرسىتىدۇ).

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر