باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن 2017-يىللىق مەملىكەت بويىچە كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش مەخسۇس تۈرىدىكى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى يولغا قويدى

2017.11.02 16:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-نويابىر ئىگىلىنىشىچە، گوۋۇيۈەننىڭ كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش بويىچە مىنىستىرلىقلار ئارا بىرلەشمە يىغىنى يېقىندا 2017-يىللىق پۈتۈن مەملىكەت بويىچە كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش مەخسۇس تۈرىدىكى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى باشلىغان.

  تەكشۈرۈش مەزمۇنى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن: تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش، يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى ۋە ئۈنۈمى، كارخانىلارغا چېتىلىدىغان كاپالەت پۇلىنى ئېنىقلاش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتى ئەھۋالى، كارخانىلارغا چېتىلىدىغان تىجارەت مۇلازىمەت خاراكتېرلىك ھەق ئېلىش ئەھۋالىنى ئېنىقلاش، قېلىپلاشتۇرۇش، كارخانىلارغا چېتىشلىق قالايمىقان ھەق ئېلىش، قالايمىقان سېلىق سېلىش قاتارلىق بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى تەرتىپكە سېلىپ تۈزەش ئەھۋالى، كارخانا مېخانىزمى قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش ئەھۋالى.

  بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان گوۋۇيۈەن ۋە ئالاقىدار تارماقلار ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلغان مەسىلىلەر، مەملىكەت بويىچە كارخانىلارنىڭ يۈكىنى تەكشۈرۈش ۋە 3- تەرەپ باھالاشتا ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەر، شۇنىڭدەك كارخانىلار پاش قىلىنغان دېلولارنىڭ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىش ئەھۋالى نۇقتىلىق تەكشۈرۈلۈپ، جايلارنىڭ كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش مەسىلىسى ھېساباتى ۋە بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش ئىنكاس قايتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىنىپ، ھەر دەرىجىلىك يۈكنى يېنىكلىتىش تارماقلىرىنىڭ كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ ئەمەلىي سېلىقى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ھەقىقىي ياردەم بېرىلىدىكەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش ئۆزىنى ئۆزى تەكشۈرۈش، ئۆزىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تۈزىتىش، تۈزىتىش-ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈنىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر