باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەزدىكى دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش تۇنجى مەيدان كونسۇلتاتسىيە دوكلات يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2017.11.03 15:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركەز دۆلەت ئورگانلىرى خىزمىتى كومىتېتى 1-نويابىر بېيجىڭدا مەركەزدىكى دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش تۇنجى مەيدان كونسۇلتاتسىيە دوكلات يىغىنى ئۆتكۈزدى، خىزمەت كومىتېتىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن شۇجىسى لى جىيۇڭ «پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرەيلى» دېگەن تېمىدا كونسۇلتاتسىيە دوكلاتى بەردى. دوكلاتتا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى زىچ چۆرىدىلىپ، بەش يىلدىن بۇيانقى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مۇھىم مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە ئاساسىي تەجرىبىلىرى سىستېمىلىق يەكۈنلىنىپ، مەركەز دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئەمەلىيىتى ۋە ئۈنۈمى تونۇشتۇرۇلۇپ، 19-قۇرۇلتايدىكى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى يېڭى ئورۇنلاشتۇرۇشلار چوڭقۇر چۈشەندۈرۈلۈپ، مەركەزدىكى دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش يېڭى ئورۇنلاشتۇرۇلمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئوي-پىكىر، تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  دوكلاتتا ھەم پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىش، ھەم مەركەزدىكى دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشكە قارىتا سەپەرۋەرلىك ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلدى.

  لى جىيۇڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بەش يىلدىن بۇيان، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش يېڭى مەنزىلى ئېچىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا ھەر تەرەپلىمە ئىجادىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، چوڭقۇر قاتلاملىق تۈپ خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىش كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىندى. مەركەز دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ھەر قايسى تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇرغۇن تارىخىي خاراكتېرلىك بۆسۈشلەر ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، «ئالدىدا مېڭىش، ئۈلگە بولۇش»تەك باشلامچىلىق، ئۈلگىلىك رولى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇلدى.

  بۇ قېتىمقى دوكلات بېرىش يىغىنى مەركەز دۆلەت ئورگانلىرى خىزمىتى كومىتېتى مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ئۈستىدە قانات يايدۇرغان بىر قېتىملىق مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىشى بولدى. خىزمەت كومىتېتى بەنزە ئەزالىرى، ئىنتىزام خىزمىتى كومىتېتى ۋە خىزمەت كومىتېتى ئورگىنىدىكى ھەر قايسى تارماقلار، ھەرقايسى بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋەكىللىرى، مەركەز دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ھەرقايسى تارماقلار ئورگان پارتكومىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن شۇجىلىرى، ئورگان ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىلىرى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ شۇجىلىرى، قىسمەن ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلار پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بولۇپ جەمئىي 600دىن ئارتۇق كىشى دوكلات يىغىنىغا قاتناشتى.

  11-ئاينىڭ بېشى ۋە ئوتتۇرلىرىدا، مەركەز دۆلەت ئورگانلىرى خىزمىتى كومىتېتى يەنە ئارقا-ئارقىدىن بەش مەيدان كونسۇلتاتسىيە دوكلات يىغىنى ئاچىدىغان بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەركىزىي ھۆججەت تەتقىقات ئىشخانىسى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى، گوۋۇيۈەن قانۇنچىلىق ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇللىرىنى تەكلىپ قىلىپ، «پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۈستۈنلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش»، «يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە ئاساسىي تەدبىرلىرى»، «يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش»، «ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش»، «دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش» قاتارلىق مەخسۇس تېمىلارنى چۆرىدەپ، كونسۇلتاتسىيە دوكلاتى بېرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر