باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 30-يىغىنىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى

جاڭ دېجياڭ قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدا دوكلات بەردى

2017.11.02 16:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 2-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30-يىغىنى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 3-ئومۇمىي يىغىن ئاچتى. كومىتېت باشلىقى جاڭ دېجياڭ يىغىنغا قاتناشتى ۋە قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدا دوكلات بەردى.

  مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقى چىن جۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىنغا دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى 144 كىشى قاتناشتى، يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بۇ يىل 5-ئايدا قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قانۇنىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى، جاڭ دېجياڭ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىغا ۋاكالىتەن تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىر قاتار يېڭى تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە ئالاقىدار تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇن بەلگىلىمىلەرنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىدە زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى.

  جاڭ دېجياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، نۆۋەتتە قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قانۇنىنى يولغا قويۇش ۋە قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىدە يەنىلا بەزى گەۋدىلىك مەسىلىلەر بار، چوقۇم يۈكسەك ئېتىبار بېرىش كېرەك. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قانۇنىنى يولغا قويۇشنى ئومۇميۈزلۈك، توغرا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. قانۇننى تەشۋىق قىلىش-ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، قاتتىق تاشلاندۇقلارنى بىر تەرەپ قىلىشنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ مۇھىتىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، سانائەت قاتتىق تاشلاندۇقلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، قاتتىق تاشلاندۇقلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ پەن-تېخنىكا تېرىكىنى مۇستەھكەملەپ، قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ مىقدارىنى ئازايتىش، بايلىققا ئايلاندۇرۇش، زىيانسىزلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۆكۈمەت، كارخانا، جامائەت ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان يېشىل ھەرىكەت سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر