باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى كانادادا زىيارەتتە بولدى

2017.11.02 14:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-نويابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو گوۋۇيۈەنى ئاخبارات ئىشخانىسى تەشكىللىگەن جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى كاناداغا يېتىپ بېرىپ، ئىككى كۈن ئىچىدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ تورونتو ۋە ئوتتاۋادا بىر قانچە مەيدان سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، شۇ جايدىكى ئىلىم ئەھلىلىرى ۋە تاراتقۇ خادىملىرى بىلەن كەڭ ۋە ئۈنۈملۈك بولغان مەدەنىيەت ئالاقىسى ئالماشتۇردى.

  مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى زو فېڭنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكىنىڭ بۇ قېتىمقى شىمالىي ئامېرىكا سەپىرى كانادا ۋە ئامېرىكىنىڭ سىياسىي ساھەسى، تاراتقۇلىرى، ئىلىم ساھەسى، شۇ جايدىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ۋە جۇڭگولۇقلار بىلەن بولغان يۈزمۇ-يۈز ھالەتتىكى ئالاقە ئالماشتۇرۇش ۋە چۈشىنىش بولۇپ، ئۇلارنىڭ شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلارنىڭ كاللىسىدا ئۇزاقتىن بۇيان شەكىللەنگەن شىنجاڭغا بولغان ئۆلۈك تەسىرات ۋە خاتا چۈشەنچىسىنى تۈگىتىپ، جۇڭگو بىلەن كانادا، ئامېرىكىنىڭ ئادىمىيەت ئالاقىسى ۋە مەدەنىيەت ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.

  زو فېڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىملىق مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولدى، زىيارەت قىلىش مەقسىتى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى ئالدىدا ئامېرىكىنىڭ خيۇستون ۋە نيۇيوركدا زىيارەتتە بولغان، 11-ئاينىڭ 1-كۈنى شىمالىي ئامېرىكا سەپىرىنى ئاياغلاشتۇرۇپ، دۆلەتكە قايتىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر