باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىز دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ PPP بازىرىغا ئايلاندى

ئومۇمىي سېلىنغان مەبلەغ 10 تىرىليون يۈەندىن ئاشتى

2017.11.02 14:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۆت يىللىق تىرىشىشتىن كېيىن، PPP (ھۆكۈمەت-جەمئىيەت- كاپىتال ھەمكارلىقى) ئىسلاھاتى مۆلچەردىكى نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» تۈزۈم سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار شەكىللەندۈرۈلۈپ، زور بىر تۈركۈم تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قوللايدىغان ۋە خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان تۈرلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى.

  1-نويابىر، مالىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى شى ياۋبىن 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو PPP مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مۇنبىرىدە مۇنداق دېدى: بۇ يىل 9-ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، مەملىكەت بويىچە ئېچىش باسقۇچىدىكى تۈر جەمئىي 6778، سېلىنماقچى بولغان مەبلەغ تەخمىنەن 10 تىرىليون 100 مىليارد يۈەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەمەلىيلەشكەن تۈر 2388 گە، سېلىنغان مەبلەغ سوممىسى تەخمىنەن 4 تىرىليون 100 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، دۆلىتىمىز دۇنيادىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئەڭ زور تەسىر كۈچىگە ئىگە PPP بازىرىغا ئايلاندى.

  شى ياۋبىن مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، PPP ئىسلاھاتى ئەمەلىيىتى داۋامىدىكى بەزى مەسىلىلەرگە قارىتا ئېنىقلاش ۋە تۈزىتىش ئېلىپ بېرىپ، قائىدە ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، بازار تەرتىپىنى قوغداپ، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خەۋپ-خەتەرنى قاتتىق كونترول قىلىپ، PPP ئىسلاھاتى ئىشلىرىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر