باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 23-قېتىملىق يىغىنى يېپىلدى

يۈ جېڭشېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە سۆز قىلدى

2017.11.02 16:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 2-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 23-قېتىملىق يىغىنى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا يېپىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە سۆز قىلدى.

  بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ قارالمىسى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش بولدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتنىشىپ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ ئەھۋالى ۋە روھى توغرىسىدا دوكلات بەردى. يىغىنغا قاتناشقانلار پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىدىيەسىنى يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈردى، ئىشەنچىنى مۇستەھكەملىدى، روھىنى ئۇرغۇتتى.

  يىغىنغا قاتناشقانلار بىردەك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يولداش شى جىنپىڭ ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن بەرگەن دوكلاتنى تامامەن قوللايمىز، 19-قۇرۇلتاينىڭ تۈرلۈك قارارلىرىنى تولۇق قۇۋۋەتلەيمىز، 19-قۇرۇلتاي ۋە ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1-ئومۇمىي يىغىنىدا سايلاپ چىقىلغان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كومىتېتىنى چىن قەلبىمىزدىن ھىمايە قىلىمىز. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپى چوقۇم بۇرچىنى ئادا قىلىپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ئارزۇسى يۈكلەنگەن پاراخوتنى تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسىگە يېتەكلەيدۇ.

  يىغىنغا قاتناشقانلار بىردەك مۇنداق قارىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19-قۇرۇلتىيى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە چاقىرىلغان ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي، ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم تارىخىي تۆھپىسى شۇكى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۇزاققىچە قەتئىي چىڭ تۇرىدىغان يېتەكچى ئىدىيەسى قىلىپ بېكىتكەنلىكىدۇر. باش شۇجى شى جىنپىڭ دوكلاتتا بىر قاتار يېڭى مۇھىم ئىدىيە، مۇھىم كۆز قاراش، مۇھىم ھۆكۈم، مۇھىم تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، دوكلات ماركسىزملىق نۇرى چاقناپ تۇرىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر