باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مۆلچەرلىنىشىچە، «قوش 11» مەزگىلىدە توشۇلىدىغان تېز يوللانما مىقدارى 1 مىليارد 500 مىليون دانىدىن ئاشىدۇ

بىر كۈندە بىر تەرەپ قىلىنىدىغان يوللانما مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغاندا 340 مىليونغا يېتىدۇ

2017.11.03 15:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-نويابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ دۆلەتلىك پوچتا ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل «قوش 11» مەزگىلىدىكى تېز يوللانما مۇلازىمىتىدە «ئىككى بولماسلىق» (پۈتۈن تور پالەچ بولماسلىق، مۇھىم ۋاقىتتا ئامبار توشۇپ كەتمەسلىك)، «ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش» (راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش)نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش نىشان قىلىنىپ، داۋاملىق «بېسىق ۋاقىتتىن قاچۇرۇپ مال ئەۋەتىش، تەكشى ئىلگىرى سۈرۈش»تەك يادرولۇق مېخانىزمىنىڭ رولى جارى قىلدۇرۇلۇپ، پۈتۈن ساھە بويىچە مۇقىم تىجارەت قىلىش ئاساسىدا، «قوش 11» پائالىيىتى تىرىشىپ سۈپەتلىك ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

  تونۇشتۇرۇلىشىچە، بۇ، جۇڭگونىڭ تېز يوللانما ساھەسىنىڭ تۇنجى قېتىم «سۈپەتلىك ‹قوش 11›» نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ھېسابلىنىدىكەن. دەسلەپكى مۆلچەرگە ئاساسلانغاندا، 2017-يىللىق «قوش 11» مەزگىلىدە (11-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 16-كۈنىگىچە) پوچتا كەسپى بىر تەرەپ قىلىدىغان پوچتا يوللانمىسى، تېز يوللانما سانى 1 مىليارد 500 مىليوندىن ئېشىپ كېتىدىكەن. بۇ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %35 كۆپ بولىدىكەن. كۈندىلىك بىر تەرەپ قىلىنىدىغان پوچتا يوللانمىسى مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغاندا 340 مىليون دانىغا يېتىدىكەن، بۇ ئادەتتىكى بىر كۈنلۈك بىر تەرەپ قىلىش مىقدارىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەملىكەت مىقياسىدا «قوش 11» مەزگىلىدە پوچتا كەسپىنىڭ مەشغۇلات قىلىشىغا 30 مىليون كىۋادرات مېتىر يەر ئاجرىتىدىكەن. غول لىنىيەدىكى تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرى 90 مىڭغا، ئەمەلىي بار بولغان ۋە ۋاقىتلىق تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىدىغان خىزمەتچى خادىم 3 مىليونغا يېتىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر