باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«قۇرۇلتاي روھىنى تولۇق ئىزچىللاشتۇرۇپ، خىزمەتلىرىمىزدە يېڭى نەتىجە يارىتىمىز»

2017.11.03 15:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد خەۋىرى) ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى 2-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن مەخسۇس ئۆگىنىش ئېلىپ بېرىپ، ج ك پ 19-قۇرۇلتىيى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى. ئۆگىنىشكە قاتناشقانلار بىردەك مۇنداق دېدى: قۇرۇلتاي روھىنى تولۇق ئىزچىللاشتۇرۇپ، خىزمەتلىرىمىزدە يېڭى نەتىجە يارىتىمىز.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەخسۇس ئۆگىنىش يىغىنىغا ئورگان ۋە ھەرقايسى جەمئىيەتلەر مەسئۇللىرىدىن بولۇپ 200گە يېقىن كىشى قاتناشتى. يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى غەيرەت ئاسىم مۇنداق دېدى: بۈگۈن بىز ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىگە تەۋە بارلىق جەمئىيەتلەر مەسئۇللىرى، داڭلىق سەنئەتكار، يازغۇچىلار بىريەرگە جەم بولۇپ، ئورگاندا پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ قۇرۇلتاي روھىنى ئاساسىي قاتلامغىچە يەتكۈزۈش ھەققىدە ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى كوللېكتىپ ئۆگەندۇق. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى پۈتۈن مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ سىياسىي ھاياتىدا، ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ۋە تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە دەۋر بۆلگۈچ خاراكتېرلىك يىغىن بولدى. يىغىندا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى پارتىيەمىزنىڭ جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرىدىغان يېتەكچى ئىدىيەسى قىلىپ بېكىتىلىپ، بۇ يېتەكچى ئىدىيەنىڭ روھىي ماھىيىتى ۋە مول مەزمۇنى چوڭقۇر شەرھلەندى ھەمدە پارتىيە نىزامنامىسىدە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى ماركسىزم–لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى بىلەن بىللە پارتىيەنىڭ ھەرىكەت قىبلىنەماسى قىلىپ بېكىتىلدى. بۇ، پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھىم تارىخىي تۆھپىسى، پارتىيەنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسىنىڭ يەنە بىر قېتىم دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشى ھېسابلىنىدۇ. پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا ئەڭ مۇھىمى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىدىن ئىبارەت پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ جېنىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئومۇميۈزلۈك توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كۈچلۈك ئىدىيەۋى قورال ۋە ھەرىكەت قىبلىنەماسىگە ئايلاندۇرىمىز.

  ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى ئابباس مۇنىياز مۇنداق دېدى: مەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قۇرۇلتايدا بەرگەن دوكلاتىنى ئۆگىنىش ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ قۇرۇلتاي روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ھەققىدىكى مەخسۇس يىغىن روھىنى ئۆگىنىش جەھەتتە ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدۇم. قۇرۇلتاي دوكلاتىدا ھەر ساھە، ھەرقايسى قاتلاملار بويىچە خىزمەتلەر تولۇق يەكۈنلىنىپ، يېڭى نىشانلار كۆرسىتىپ بېرىلگەن. يازغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن دوكلاتتىكى پارتىيەنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمىتى ھەققىدىكى بۆلەكلەرگە بەكراق دىققەت قىلدىم، باش شۇجى دوكلاتتا ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمىتى ھەققىدە مەخسۇس توختىلىپ سوتسيالىستىك ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمىتىنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇش لازىم، ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادىيىتىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئىدىيەۋىلىكى چوڭقۇر، بەدەئىيلىكى يۈكسەك، رىئال تۇرمۇش پۇرىقى كۈچلۈك، پارتىيەنى، ۋەتەننى، خەلقنى، قەھرىمانلارنى مەدھىيەلەيدىغان، سوتسيالىستىك دەۋر روھى تولۇق ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن نەپىس ئەسەرلەرنى ئۈزلۈكسىز يارىتىش كېرەك، دېدى. مەن بۇندىن كېيىنكى خىزمەتلىرىمدە بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ، چوڭقۇر ئىزدىنىپ، پارتىيە ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، «ئۈچ ئەل خىزمىتى»، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قاتارلىق تېمىلاردا ئېسىل ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقىشقا تىرىشىمەن.

  2-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى ئورگان يىغىن زالىدا ئاچقان پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش مەخسۇس يىغىنىدا 180گە يېقىن ھەر دەرىجىلىك ئىتتىپاق كادىرلىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگەندى، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە قۇرۇلتاي روھىنى يېتەكچى قىلىپ، ياخشى ئىشلەش ھەققىدە پىكىرلەشتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جاۋ چۈەن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىدىكى ھەر دەرىجىلىك كادىرلار پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تولۇق ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجىنىڭ تەلەپ ۋە تاپشۇرۇقلىرىنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىتتىپاق كومىتېتى ئىسلاھاتى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، «جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش»دەك مۇقەددەس ۋەزىپىنى چۆرىدەپ، ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىدىيە يېتەكچىلىكى خىزمىتىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى ھەر مىللەت ياشلار-ئۆسمۈرلىرىنىڭ كاللىسىغا مۇستەھكەم ئورناتقۇزۇشىمىز، ئىتتىپاق كومىتېتلىرىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ چىڭ تۇتۇشىمىز، ياشلار-ئۆسمۈرلەر بىلەن بولغان ئالاقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشىمىز، پارتىيە بىلەن ياشلار-ئۆسمۈرلەر ئارىسىدىكى كۆۋرۈكلۈك رولىمىزنى تېخىمۇ تولۇق جارى قىلدۇرۇشىمىز، ياشلار- ئۆسمۈرلەرنى پارتىيە باشلىغان يولدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىشقا تەشكىللىشىمىز، ياشلار -ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشىمىز، ياشلارنى ئىگىلىك تىكلەشكە تېخىمۇ ئىلھاملاندۇرۇپ، رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۇلارنى باش نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى كۈچلۈك قوشۇن قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشىشىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر