باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ساياھەت يېتەكچىلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى كېلەر يىلى رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ

2017.11.03 14:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2- چېسلا دۆلەت ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە: دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى يېقىندا ئېلان قىلغان «ساياھەت يېتەكچىلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى»دا، ساياھەت يېتەكچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ساياھەت يېتەكچىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىنى قوغداپ، مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. مەزكۇر چارە 2018- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنى رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ.

  دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، مەزكۇر چارە ئومۇمىي پىرىنسىپ، ساياھەت يېتەكچىسى كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش ئىجازىتى، ساياھەت يېتەكچىسى كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشنى باشقۇرۇش، ساياھەت يېتەكچىسى كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشقا كاپالەتلىك قىلىش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش، جازا پىرىنسىپى ۋە قوشۇمچە پىرىنسىپ قاتارلىق ئالتە باب مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، جەمئىي 40 ماددىدىن تەركىب تاپقان. بۇنىڭدا، ئېلېكتىرونلۇق ساياھەت يېتەكچىسى كىنىشكىسى ئىشلىتىش بەلگىلەنگەن، چۈنكى، بۇ خىل كىنىشكىدا، ساياھەتچىلەر، مەنزىرە رايونلىرى ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش خادىملىرى قاتارلىقلار ئېلېكتىرون ساياھەت يېتەكچىسى كىنىشكىسى ئۈستىدىكى ئىككى كودنى تەسۋىر سىيرىش ئارقىلىق ساياھەت يېتەكچىسىنىڭ سالاھىتى پەرقلەندۈرۈلىدىكەن. ئەسلىدىكى IC كارتىسى تۈرىدىكى ساياھەت يېتەكچىسى كىنىشكىسى 2017- يىلى 10- ئاينىڭ 31- كۈنىدىن ئېتىبارەن ئىشلىتىلىشتىن توختىتىلىپ، مەملىكەت بويىچە ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئېلېكتىرون ساياھەت يېتەكچىسى كىنىشكىسى ئىشلىتىلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر