خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 3-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ شاڭجياڭلىق ئۇنۋانى بېرىش مۇراسىمى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى بېيجىڭ «1-ئاۋغۇست» بىناسىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شاڭجياڭلىق ئۇنۋانى بېرىلگەن مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى يولداش جاڭ شېڭمىنغا بۇيرۇقنامە تارقاتتى.
ئۇنۋان بېرىش مۇراسىمى چۈشتىن كېيىن سائەت 4 تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە تەنتەنىلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە باشلاندى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۈ چىلياڭ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئىمزالىغان شاڭجياڭلىق ئۇنۋانى بېرىش بۇيرۇقىنى ئوقۇدى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يوشيا ئۇنۋان بېرىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. شاڭجياڭلىق ئۇنۋانى بېرىلگەن جاڭ شېڭمىن ھەربىيلەرگە خاس كەسكىن قىياپەت ۋە كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن، رەئىس سەھنىسى ئالدىغا كەلدى. شى جىنپىڭ ئۇنىڭغا بۇيرۇقنامە تارقىتىپ بەردى ھەم ئۇنىڭ بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۇنى تەبرىكلىدى. شاڭجياڭلىق پاگونى تاقىغان جاڭ شېڭمىن شى جىنپىڭغا چاس بەردى، ئارقىدىن مۇراسىمغا قاتناشقان بارلىق يولداشلارغا چاس بەردى، مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.
ئۇنۋان بېرىش مۇراسىمى جاراڭلىق ھەربىي مارش ساداسى ئىچىدە ئاخىرلاشتى. ئارقىدىن شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار جاڭ شېڭمىن بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.
مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرىدىن ۋېي فېڭخې، لى زوچېڭ، مياۋ خۇا ھەم ھەربىي كومىتېت ئورگىنىدىكى ھەرقايسى تارماقلارنىڭ رەھبەرلىرى ۋە بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق چوڭ ئورۇنلارنىڭ مۇئاۋىن ئۇرۇش رايونى باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبەرلىرى ئۇنۋان بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى