خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11-ئاينىڭ 13-كۈنى ۋىنتىياندىكى دۆلەت رەئىسى مەھكىمىسىدە لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى بېن ياڭ بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى تەرەپ بىر بىرىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە يۈكسەك باھا بەردى، ئالاقىلىشىش ۋە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە لائوسنىڭ ئىسلاھات ئىشلىرىنىڭ ئۆزلۈكسىز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى يولداش، ياخشى ھەمراھ بولۇش روھىغا داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭگو بىلەن لائوسنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەپ، ئۇزاققىچە مۇقىم بولغان جۇڭگو-لائوس ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشقا قوشۇلدى.
شى جىنپىڭ بىلەن بېن ياڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 19-قۇرۇلتىيى ھەم لائوسنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى ئۆزئارا تونۇشتۇردى.
شى جىنپىڭ لائوسنىڭ لائوسچە سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرغانلىقىنى ماختىدى، لائوسنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور نەتىجىلىرىگە ئىجابىي باھا بەردى، باش شۇجى بېن ياڭ باشچىلىقىدىكى لائوس پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، لائوس خەلقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھات ئىشلىرىدا تېخىمۇ زور يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
بېن ياڭ ج ك پ 19-قۇرۇلتىيىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، قۇرۇلتايدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى قىلىپ بېكىتىلگەنلىكىگە يۈكسەك باھا بەردى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە جۇڭگو خەلقىنىڭ «ئىككى يۈز يىل»لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن ئوڭۇشلۇق ئىلگىرىلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بېن ياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ج ك پ 19-قۇرۇلتىيىنىڭ نەتىجىلىرى يېڭى دەۋر سوتسىيالىزم نەزىرىيەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، رايون ۋە دۇنيانىڭ تېنچلىقى، دوستلۇقى، ھەمكارلىقى، تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشىدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى