- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بالىلار بالىلىق چاغلىرىدىلا تەربىيەلەنسە ئاندىن كەلگۈسىگە ئىگە بولالايدۇ
2017.11.10 14:35 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يەسلىگە ئوڭۇشلۇق كىرىش ۋە ياخشى يەسلىگە كىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، مائارىپ ساھەسىدىكى بىر مۈشكۈل ۋەزىپە بولۇپ، بۇ مۈشكۈل ۋەزىپىنى ھەل قىلىش بولۇپمۇ 2- پەرزەنتلىك بولۇش دەۋرىدە تېخىمۇ تەس بولۇپ قالدى، بۇنىڭ ئۈچۈن زور كۈچ سەرپ قىلىش لازىم بولىۋاتىدۇ.
پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى يېپىلغاندىن كېيىن، يەسلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر گېزىتلاردا پات-پات كۆرۈلۈپ تۇرماقتا. مەسىلەن، خېنەن جېڭجۇ شەھىرىدە كەلگۈسى ئۈچ يىلدا يېڭىدىن 100 يەسلى سېلىنىدۇ؛ ئەنخۇينىڭ خاۋجوۋدا كەلگۈسى ئۈچ يىلدا 139 يەسلى يېڭىدىن ئۆزگەرتىلىدۇ ۋە كېڭەيتىلىدۇ، دېگەندەك. كەڭ كۆلەمدە يەسلى سېلىنىپلا قالماستىن، يەنە يەسلى ئىشلىرىنى ياخشى بېجىرىشمۇ كېرەك بولىۋاتىدۇ ! يېقىندا، نىڭشيا مائارىپ نازارىتى يەسلى تەربىيەسى ۋە سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش خىزمەت تەرتىپى قاتارلىقلار ئۈستىدە ئىككى تۈرلۈك تەپسىلىي قائىدىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، نەتىجىدە، بۇنىڭ بىلەن يەسلىنى باشقۇرۇش ۋە باھالاش تېخىمۇ ئىلمىي ئۆلچەمگە ئىگە بولغان. بۇ ئۇسۇللار «يەسلىگە كىرىش تەس» بولۇش مەسىلىسى ئۈستىدە غەم قىلىۋاتقان نۇرغۇن ئاتا-ئانىلارنى خوش قىلدى.
19-قۇرۇلتاينىڭ دوكلاتىغا تۇنجى قېتىم «بالىلار بالىلىق چاغلىرىدىلا تەربىيەلىنىش» دېگەن سۆز قوشۇلدى.
«بالىلار بالىلىق چاغلىرىدىلا تەربىيەلىنىش» دېگەن بۇ گۈزەل ئارزۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى، بۇ، مەملىكەت بويىچە 100 مىليوندىن ئارتۇق ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلار تېخىمۇ ئەمەلىي پاراۋانلىققا ئېرىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، ئېلىمىزدە ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى، يەسلىگە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى دۇنيادىكى ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن ئېشىپ كەتتى. بىراق، «يەسلىگە كىرىش تەس» بولۇش مەسىلىسى ئىزچىل تۈردە نۇرغۇن ئائىلىلەرنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ كەلدى. ئاز پۇل خەجلەپ، بالىلارنى يېقىن ئەتراپتا رازى بولىدىغان يەسلىدە ئوقۇتۇش،بۇ، نۇرغۇن ئائىلىلەرنىڭ «كىچىك نىشانى»دۇر. ئەمما، دۆلىتىمىزدە شەھەر بىلەن يېزىنىڭ پەرقى، شەرقىي رايونلار بىلەن غەربىي رايونلارنىڭ پەرقى، ھەمدە مەكتەپ رايونلىرى پەرقى ۋە كىرىم پەرقى قاتارلىقلار مائارىپ بايلىقىنىڭ تەكشى بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقتىن، نۇرغۇن شەھەر-بازارلاردا يەسلىگە كىرىش تەس ۋە قىممەت بولۇش دېگەندەك مەسىلىلەر مەۋجۇت بولۇپ كەلدى. ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى بولسا، پۈتۈن مائارىپ زەنجىرىدىكى بىر كەمتۈكلۈك ئىدى، ئەمما «بالىلار بالىلىق چاغلىرىدىلا تەربىيەلىنىش» تەشەببۇسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى بىلەن، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان مەسىلىسىگە جاۋاب بېرىلدى.
بالىلار دۆلەتنىڭ ۋە مىللەتنىڭ كەلگۈسى. 19- قۇرۇلتايدا تۈزۈلگەن ئۇلۇغۋار پىلان بويىچە، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا، ئېلىمىز باي، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق ۋە گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت بولۇپ قۇرۇپ چىقىلىدۇ. ھازىر تېخى ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلار، ئۇ چاغقا بارغاندا دەل 30 نەچچە ياشقا كىرگەن بولىدۇ ۋە دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ جەڭگىۋار قوشۇنى بولۇپ چىقىدۇ. ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلارنىڭ تەربىيەلىنىشى ۋە ئۇلارنىڭ مائارىپ سۈپىتى بولسا، ئۇلارنى ئەقلىي ۋە ھېسسىيات جەھەتتە مەرىپەتلىك قىلىپ يېتىلدۈرۈشنىڭ سۈپىتى ھېسابلىنىدۇ، ھەمدە بۇ جەھەتتىكى سۈپەت بولسا، ئادەمنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بالىلار مائارىپىنى ياخشى ئىشلەش ۋە ئىختىساسلىقلار ئاساسىنى پۇختا سېلىش ئەسلىدىنلا مۇھىم بولغان ۋە تەسىرى بەك چوڭ بولىدىغان بىر ئىش.
بالىلار مائارىپىدىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاشتا، قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشقا جۈرئەت قىلىشىمىز كېرەك. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇلى «بالىلار بالىلىق چاغلىرىدىلا تەربىيەلىنىش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، بالىلار يەسلىگە ئاسان كىرەلەيدىغان ۋە ياخشى يەسلىگە كىرەلەيدىغان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش دېگەن بۇ مەسىلىنى مائارىپ ساھەسىدە دۇچ كېلىۋاتقان بىر قىيىن مەسىلىگە ئوخشىتىپ، بۇ قىيىن مەسىلە بولۇپمۇ 2- پەرزەنتلىك بولۇش دەۋرىدە، تېخىمۇ قىيىنلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى، ھەمدە 2020- يىلىغا بارغاندا، دۆلىتىمىزنىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى بويىچە يەسلىگە كىرىدىغانلارنىڭ نىسبىتىنى ھازىرقى 77.4%تىن %85كە ئۆرلىتىش، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق يەسلىلىرىنى %60لىك ھالەتتىن %80تىن كۆپرەك بولغان ھالەتكىچە ئۆرلىتىش كېرەكلىكىنى ۋە بۇ ۋەزىپىنىڭ ئىنتايىن مۈشكۈل ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. بۇنىڭ ئۈچۈن، چوقۇم زور كۈچ سەرپ قىلىپ ۋە ھەقىقىي كۈچ سەرپ قىلىپ، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىنىڭ تېخىمۇ تولۇق ۋە تېخىمۇ تەكشى تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.
بالىلار مائارىپىدىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاشتا، بىر يۈرۈش خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. كېيىنكى قەدەمدە ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇشتا، قىيىنچىلىقى ئېغىر ۋە مەركەزلىك بولغان، ھەمدە بىر تۇتاش بولغان رايونلاردىكى يەسلىلەرنىڭ قۇرۇلۇشىغا بولغان مەدەت بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش ھەمدە نۇقتىلىق ئاشۇرۇش، يەسلى قۇرۇلۇشىنى، شەھەر-بازارلاشتۇرۇش ۋە ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، بولۇپمۇ شەھەر-بازارلاردىكى يېڭىدىن سېلىنغان ئولتۇراق رايونلاردا ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق يەسلىلىرىنى سېلىش؛ جايلارنىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى خىراجىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشى ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىنى تولۇقلاش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى تەننەرخىنى ئۈستىگە ئېلىش مېخانىزمىنى كۈچەپ بەرپا قىلىش، يەسلىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تولۇقلاش ۋە ئىش ھەققىگە كاپالەت قىلدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش؛ كىنىشكىسىز يەسلىلەرنى تازىلاش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ھەمدە «باشلانغۇچ مەكتەپكە ئايلىنىپ قېلىش» خاھىشىنى تېزدىن ئوڭشاش ۋە تۈزىتىش كېرەك.
«خەلقنى گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلدۈرۈش بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىزدۇر». ھەر بىر بالىنىڭ كەينىدە، بىر ئائىلىنىڭ سەمىمىي ئۈمىدلىرى بىلەن تولغان كۆزلەر تەلمۈرۈپ قاراپ تۇرماقتا. بالىلارنىڭ يەسلىگە ئاسان كىرىشى، شەھەر ۋە يېزا- كەنتلەردىكى بالىلارنىڭ ھەممىسىنى ئادىل ۋە سۈپەتلىك مائارىپتىن بەھرىمەن قىلىش دېگەندەك مەسىلىلەر بولسا، ھازىر مىڭلىغان ئائىلىنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ھەمدە ئەڭ بىۋاسىتە ۋە ئەڭ رېئال بولغان مەنپەئەتىنىڭ بىرىدۇر. بۇ قىيىن مەسىلە ھەل قىلىنسا، پۇقرالار ئۆزلىرىنىڭ يېڭى دەۋرىدىكى گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ھەقىقىي ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىغا ئىگە بولالايدۇ. ۋەتەن كۈتكەن ھەر بىر كىچىك غۇنچىلار، قۇياش نۇرى ئاستىدا ھەممىسىنىڭ ئەڭ گۈزەل كۈلكە چىراي بىلەن ئېچىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر