باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى: ئېغىر نامرات رايونلار نامراتلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ يۆلەشتە ئالاھىدە سىياسەت قوللانسا بولىدۇ

2017.11.10 15:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جاڭ يىجېن 11-ئاينىڭ 9-كۈنى جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ گەنجۇ شەھىرىدە مەملىكەتلىك نامراتلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ يۆلەش بويىچە تەجرىبە ئالماشتۇرۇش نەق مەيدان يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئېلىمىزدىكى ئېغىر نامرات رايونلار نامراتلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ يۆلەشتە ئالاھىدە سىياسەت قوللانسا بولىدۇ، ئالاقىدار ئۆلكە، شەھەر، ناھىيەلەر ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان سىياسەتنى كېڭەيتىپ، سىياسەت ئۈنۈمىنى داۋاملىق ئاشۇرسا بولىدۇ.

  جاڭ يىجېننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 10-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئېلىمىزدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇپ، كارتا بېجىرگەن 5 مىليون 530 مىڭ نامرات كىشى ئىشقا ئورۇنلىشىپ، نامراتلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ يۆلەش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغان. لېكىن ئىشقا ئورۇنلاشمىغان 9 مىليوندىن ئارتۇق نامرات ئەمگەك كۈچلىرىدە يېشى چوڭ، مەدەنىيەت سەۋىيەسى تۆۋەن، بازار رىقابەت كۈچ كۈچلۈك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلانغان، ئىشقا ئورۇنلاشقان 5 مىليوندىن ئارتۇق نامرات ئەمگەك كۈچلىرى ئىچىدە، ئىش ئورنىدا ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ نىسبىتى %10كە يەتمەيدىكەن، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ۋە باشقا ئۇسۇلدا ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ نىسبىتى %80دىن ئاشىدىكەن، ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇقىملىقى ناچاركەن.

  جاڭ يىجېن بۇ مەسىلىگە قارىتا مۇنداق كۆرسەتتى: ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرگە، دەل جايىدا ياردەم بېرىش، مۇھىم نۇقتىغا مۇجەسسەملەش، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تۆۋەن چەكنى چىڭ ساقلاش ئومۇمىي ئىدىيەسىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، نامراتلارنى كەسىپ بويىچە يۆلەش، نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش، نامراتلارنى ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق يۆلەش قاتارلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تەدبىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، نامرات رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، كارخانىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى قاتارلىق يۆلەش سىياسىتىنى يولغا قويۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ ۋە كۈچەيتىپ، نامراتلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ يۆلەش بازىسى قۇرۇش خىزمىتىنى داۋاملىق ئەمەلىي، ياخشى ئىشلەش؛ ئۆز يېرىدە، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، نامراتلارنى يۆلەش سېخى قۇرۇشنى نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر تۈركۈم نامراتلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ يۆلەش سېخى، ھەمراھ زاۋۇت قۇرۇشنى قوللاش؛ نامرات رايونلاردا نامراتلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ يۆلەش بويىچە بىر تۈركۈم جامائەت پاراۋانلىقى ئىش ئورۇنلىرى تەسىس قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياردەم بېرىش؛ ئىگىلىك تىكلەش كاپالەتلىك قەرز پۇلى، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلەش، ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمىتىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بىر تۈركۈم ئىختىساسلىقلارنىڭ يۇرتىغا قايتىپ، يېزىلارغا چۈشۈپ ئىگىلىك تىكلەپ، يەرلىكتىكى نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى قوللاش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر