باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئەتراپىدا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش دېلوسى يۈز بېرىپ، ئاز بولغاندىمۇ بەش ئادەم قازا قىلدى

2017.11.15 16:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تېھاما ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ، شۇ جايدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئەتراپىدا، شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن قوراللىق ھۇجۇم قىلىش دېلوسى يۈز بېرىپ، ئاز بولغاندىمۇ تۆت ئادەمنىڭ ئۆلۈشى، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى، قاتىلنىڭ ساقچى تەرەپ تەرىپىدىن ئېتىۋىتىلگەنلىكىنى ئېيتتى.

  تېھاما ناھىيەسىدىكى ساقچى ئەمەلدارى فىل يوھانستون مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ساقچى تەرەپ شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8 ئەتراپىدا مەلۇم قىلىنغان دېلونى تاپشۇرۇۋېلىپ، لانچو تېھاما بازىرىدىكى دېلو يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، قاتىلنى ئېتىپ تاشلىدى. نۆۋەتتە بۇ باشلانغۇچ مەكتەپ تاقالدى، ئوقۇغۇچىلار بىخەتەر جايغا يۆتكەلدى.

  ۋەقەدىن خەۋەردار ساقچى مۇنداق دېدى: بۇ قاتىل دېلو يۈز بېرىشتىن بۇرۇن بىر ماجىراغا چېتىلىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. ئوق ئاۋازى ئاۋال تۇرالغۇ ئۆيدىن ئاڭلانغان، ئارقىدىن بۇ مەكتەپنىڭ ئەتراپىدا ئاڭلانغان. قاتىل ئەتراپتىكىلەرنى خالىغانچە ئوققا تۇتقان. ساقچى تەرەپ قاتىلنى ئېتىۋەتكەندىن كېيىن، يېرىم ئاپتوماتىك بىر مىلتىق ۋە ئىككى تاپانچا بايقالدى.

  شۇ جايدىكى تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاز بولغاندىمۇ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئىككى ئوقۇغۇچىسى يارىلانغان، نۆۋەتتە يارىلانغانلار دوختۇرخانىغا يەتكۈزۈلگەن. بۇ قېتىملىق ۋەقەدە جەمئىي يەتتە جايدا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش يۈز بەرگەن. ئامېرىكا فېدىراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئادەم ئەۋەتىپ، شۇ جايدىكى ساقچى تەرەپ بىلەن ھەمكارلىشىپ، بۇ ۋەقەنى تەكشۈرۈۋېتىپتۇ.

  شۇ جايدىكى ئوقۇتۇشقا مەسئۇل ئالاقىدار ئەمەلدار مۇنداق دېدى: ۋەقە يۈز بەرگەندە، بۇ مەكتەپتە تەخمىنەن 100چە ئوقۇغۇچى بار ئىدى، كۆپلىگەن ئوقۇغۇچى بۇ قېتىملىق قوراللىق ھۇجۇمدا يارىلاندى، لېكىن مەكتەپ ئىچىدە ئۆلۈم-يېتىم بولمىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر