11- ئاينىڭ 14- كۈنى، بىر سېسترا بىمارلار ۋە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىلىرىغا دىيابېت كېسىلىنى قانداق كۈتۈپ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش كېرەكلىكى ھەققىدىكى ساۋاتلارنى چۈشەندۈرمەكتە.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ كۈنى ب د ت دىيابېت كېسىلى كۈنى ئىدى. بېيجىڭ بالىلار دوختۇرخانىسى ئىچكى ئاجراتما ئىرسىيەتلىك مېتابولىزم بۆلۈمىدىكى دىيابېت كېسىلى مەخسۇس دوختۇرخانىسىدا داۋالاش، كېسەل كۈتۈش ۋە ھالىدىن خەۋەر ئېلىش خادىملىرى كېسەل كۆرسەتكىلى كەلگەن بىمارلارنى دىيابېت كېسىلى بىلىملىرى بويىچە مۇكاپاتلىق سوئال-جاۋاب پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدى، ھەمدە بالىلار ۋە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىلىرىغا دىيابېت كېسىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان كېسەل كۈتۈپ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ساۋاتلىرىنى تەشۋىق قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى