باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئەسلىي مەقسەدنى ئۇنتۇماي، بۇرۇچنى ئېسىمىزدە مەڭگۈ ساقلايلى

شىنجاڭ ئاخبارات ساھەسىدىكىلەر تەغدىرلەش يىغىنى ئېچىپ، 18-قېتىملىق جۇڭگو مۇخبىرلار بايرىمىنى تەبرىكلىدى

2017.11.09 16:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز دىلشاد غوجائەھمەد خەۋىرى: ئاخبارات غايىسى ۋە مەسئۇلىيەت بۇرچىدا مەڭگۈچىڭ تۇرۇپ، كەسىپكە ئاتلانغاندىكى ئەسلىي مەقسەدنى ئۇنۇتمايمىز ... 8-نويابىر ئاپتونوم رايون بويىچە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلىۋاتقاندا شىنجاڭدىكى 20 مىڭدىن ئارتۇق ھەرمىللەت ئاخباراتچىلار 18- قېتىملىق جۇڭگو مۇخبىرلار بايرىمىنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. شۇ كۈنى ئاپتونوم رايون تەغدىرلەش يىغىنى ئېچىپ، جۇڭگو ئاخبارات مۇكاپاتى، شىنجاڭ ئاخبارات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەرنى ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە 10 مۇنەۋۋەر ئاخباراتچىنى داغدۇغىلىق مۇكاپاتلىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى تيەن ۋېن تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېقىنقى بىرقانچە يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاخبارات ساھەسىدىكىلەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۈرۈشلۈك مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، توغرا سىياسىي يۆنىلىش ۋە جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسى ۋە شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئەسلىي مەقسەدنى ئۇنتۇماي، بۇرۇچنى ئېسىدە مەڭگۈ ساقلاپ، سادىقلىق بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ ئۇلۇغ ئىجادىيىتىنى خاتىرىلەپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسيالىزمنىڭ شىنجاڭدىكى نادىر سەھىپىسىنى تولۇق نامايەن قىلدى، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى بويلاپ غەلىبەسېرى ئىلگىرلەش مارشىنى ياڭرىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۈچلۈك ئىدىيەۋى جامائەت پىكرى ھازىرلىدى.

  تيەن ۋېن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسيالىزمنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن يېزىشدىكى ھالقىلىق مەزگىلدە تۇرماقتا. ئاخبارات خىزمەتچىلىرى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى زەربىدارلاردىن بولۇپ، كىشى قەلبىنى مۇجەسسەملەندۈرىدىغان، كىشىگە جەڭگىۋارلىق روھى بېغىشلىيالايدىغان نادىر ئاخبارات ئەسەرلىرىنى يېزىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى باش نىشانىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى جامائەت پىكرى ھازىرلىشى لازىم.

  تيەن ۋېن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئاخبارات خىزمەتچىلىرى سىياسىي تونۇشىنى، باشلامچىلىق ئېڭىنى، ئومۇمىيەت ئېڭىنى، يېڭىلىق يارىتىش ۋە بۇرچ ئېڭىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى، پارتىيەنىڭ ئاخبارات خىزمىتىگە سادىق بولۇپ، پارتىيەنىڭ جامائەت پىكرى خىزمىتى مەسئۇلىيىتىنى ۋە بۇرچىنى زىممىسىگە ئېلىشى، پارتىيەنىڭ سىياسەت، تەشەببۇسلىرىنىڭ تارقاتقۇچىسى، دەۋر روھىنىڭ خاتىرىلىگۈچىسى، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئالغا سىلجىتكۈچىسى بولۇشى كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىشى، «ئۈچكە يېقىنلىشىش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەۋىلىكى كۈچلۈك، سەۋىيەلىك ئەسەرلەر ئارقىلىق ھەرمىللەت خەلقى قەلبىدە يىلتىز تارتىشى لازىم. ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېسىل، نادىر ئاخبارات ئەسەرلىرىگە بولغان تەلىپىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ جانلىق، تەسىرلىك تىپىك ئاخبارات ئەسەرلىرىنى قېزىش ۋە يېزىشقا ماھىر بولۇشىمىز لازىم. كەسپىي ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يۈكسەك ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ئىگىلەپ، ئاخباراتنىڭ چىنلىق پىرىنسىپى ۋە كەسپىي ئەخلاق ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشىنىدىغان ئاخبارات خىزمەتچىسى بولۇشقا تىرىشىشىمىز، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدەك جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى يارىتىشقا زور كۈچ قوشۇشىمىز لازىم. تەقدىرلەش يىغىنىدىن كېيىن يىغىنغا قاتناشقانلار يەنە 19-قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش تەشۋىقاتىنى ئاڭلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر