باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەيدىيەن رايونىدىكى 11 ئالىي مەكتەپتە «HIV ئارقىلىق نامىنى يوشۇرۇپ سۈيدۈكىنى تەكشۈرۈش» ئاپتوماتىك سېتىش ماشىنىسى ئورنىتىلدى

ئالىي مەكتەپلەردە «ئەيدىز ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈش سومكىسى»دىن بىر ئايدا 37سى سېتىلدى

2017.11.15 16:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئادەتتىكى ئاپتوماتىك ئىچىملىك سېتىش ماشىنىسىدا سېتىلىدۇ، نامىنى يوشۇرۇن قىلىپ سېتىۋىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ، نامىنى يوشۇرۇپ قېلىپ نەتىجىسىنى تەكشۈرەلەيدۇ. 11-ئاينىڭ 13-كۈنى، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى «HIV ئارقىلىق ئارقىلىق نامىنى يوشۇرۇپ سۈيدۈكىنى تەكشۈرۈش» ئاپتوماتىك سېتىش ماشىنىسىنى ئورناتتى (تۆۋەندە قىسقارتىپ سېتىش ماشىنىسى دەپ ئاتىلىدۇ). شۇنىڭ بىلەن خەيدىيەن رايونىدا بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتىتى، بېيجىڭ ئاۋىياتسىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 11 ئالىي مەكتەپ بۇ خىل ئۈسكۈنىنى ئورناتتى، بېيجىڭ تىل ئۇنىۋېرسىتېتى، بېيجىڭ چەت ئەل تىلى ئۇنىۋېرسىتېتى بۇ يىلنىڭ ئىچىدە ئورنىتىشى مۇمكىن. خەيدىيەن رايونلۇق كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش، ئالدىنى ئېلىش مەركىزى بۇ خىل ئۈسكۈنىنىڭ كېلەر يىلىنىڭ يىل ئاخىرىغىچە خەيدىيەن رايونىدىكى بارلىق ئالىي مەكتەپلەرگە ئورنىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  بۇ خىل تەكشۈرۈش سومكىسىنىڭ بازار باھاسى 298 يۈەن، بىراق ئالىي مەكتەپلەردە پەقەت 30 يۈەنگە سېتىلىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئىشلىتىش قوللانمىسى ۋە سۈيدۈك ئەۋرىشكىسىنى ئېلىش ئۈسكۈنىسى بار بولۇپ، سېتىۋالغان ۋاقىتتا ئادەتتىكىدەك ئاپتوماتىك ئىچىملىك سېتىش ماشىنىسىنىڭ ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. سېتىۋالغۇچىلار چىڭ ئېتىلگەن سۈيدۈك ئەۋرىشكىسىنى ئۈسكۈنىنىڭ «ئەۋرىشكە قويۇش ساندۇقى»نىڭ ئىچىگە قويۇپ قويسىلا، شىركەت ئۇنى كۆرۈپ مەخسۇس ھۆكۈمەت بەلگىلىگەن ئورۇنغا ئەۋەتىپ تەكشۈرۈشكە بېرىدىكەن. سېتىۋالغۇچىلار بىر سان-سېفىرلىق نومۇر بىلەن تەمىنلىنىدىكەن. ئون كۈندىن كېيىن، قولىدىكى نومۇر ئارقىلىق توردىن تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى بىلەلەيدىكەن، پۈتۈن جەرياندا پۈتۈنلەي نامىنى يوشۇرۇش قوللىنىلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر