باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سان-فرانسىسكودىكى «ئاكتىپ ئېنېرگىيەنىڭ ۋەكىلى» دەپ ئاتالغان تۇنجى جۇڭگولۇق مۇھاجىر ساقچى ئالەمدىن ئۆتتى

2017.11.13 15:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكىنىڭ غەربى دېڭىز قىرغىقىدىكى شەھەر سان-فرانسىسكودىكى جۇڭگولۇق مۇھاجىردىن كېلىپ چىققان تۇنجى ساقچى لى كۈنمىڭ (خېرب لى) 11-ئاينىڭ 1-كۈنى بوغماق ئۈچەي راكى سەۋەبىدىن 84 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. لى كۈنمىڭ سان-فرانسىسكودا كىشىلەرنىڭ ناھايىتى ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەن، 60 يىللىق كەسپىي ھاياتىدا، ئۇ نۇرغۇن «يامان يولدىكى ياشلار»غا ياردەم بېرىپ، «ئاكتىپ ئېنېرگىيەنىڭ ۋەكىلى» دەپ تەرىپلەنگەن.

  «سان-فرانسىسكو خاتىرە گېزىتى»نىڭ 11-نويابىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئائىلىسىدىكىلەر شۇ كۈنى دېيلى شەھىرىدە لى كۈنمىڭ ئۈچۈن ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن.

  سان-فرانسىسكو ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بىل سكوت لى كۈنمىڭ «ھەقىقىي باشلامچى» دەپ سۈپەتلىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: لى كۈنمىڭنىڭ ئاق تەنلىكتىن سىرت باشقا ئىرقتىكىلەرنى قانۇن ئىجرا قىلىدىغان قوشۇنغا ئېلىپ كىرىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، سان-فرانسىسكو ساقچى ئىدارىسى ئامېرىكا بويىچە ئىرقىي تۈزۈلۈشتە ئەڭ كۆپ مەنبەلەشكەن ساقچى ئىدارىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ئۇ كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن دوست، ئۇستاز ھەم خىزمەتداش، شۇنداقلا بىر «ئاكتىپ ئېنېرگىيە ۋەكىلى».

  سان-فرانسىسكونىڭ شەھەر باشلىقى لى مېڭشيەن مۇنداق دېدى: گەرچە لى كۈنمىڭنىڭ ساقچى ئىدارىسىگە كىرگىنىگە 60 يىل بولغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ تەسىرى تا ھازىرغىچە توختاپ قالغىنى يوق.

  لى كۈنمىڭ سان-فرانسىسكودا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن سان-فرانسىسكولۇق، سان-فرانسىسكو ئىشتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتكۈزگەن، ئىلگىرى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىدە ئىككى يىل ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىگەن. 1957-يىلى، لى كۈنمىڭ سان-فرانسىسكو ساقچى ئىدارىسىگە كىرىپ ئىشلەپ، بۇ شەھەردىكى تۇنجى جۇڭگولۇق مۇھاجىر ساقچى بولۇپ قالغان.

  دەسلەپتە، لى كۈنمىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى ۋە تىل جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقىغا تايىنىپ، جۇڭگولۇقلار كوچىسىدا جاسۇس بولۇپ ئىشلىگەن، ئۇ شۇ يەردىكى قارا جەمئىيەت گۇرۇھلىرىنى تەكشۈرگەن ۋە بەزى ياشلارغا ياردەم قىلىپ، قارا جەمئىيەتنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلدۇرغان. كۆپ قىسىم ئىدىيەۋى خىزمەتنى ئۇ ئۆزىنىڭ يەتتە مېتىر كېلىدىغان كېمىسىدە ئېلىپ بارغان.

  لى كۈنمىڭنىڭ ئوغلى مۇنداق دەيدۇ: قارا گۇرۇھنىڭ بارلىق ئەزاسى دادامنى تونۇيتتى، دادام كۆپ چاغلاردا ئۇلارنى بېلىق تۇتقىلى ئېلىپ باراتتى، بېلىق تۇتىدىغان چاغلاردا ئۇلار كىچىك بالىلارغا ئوخشاپ قالاتتى.

  نۇرغۇن كىشى لى كۈنمىڭنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ساقچى قوشۇنىغا قېتىلغان، ئۇنىڭ ئوغلىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە. لى كۈنمىڭ يەنە كالىفورنىيە ئىشتاتى ئاسىيا ساقچى جەمئىيىتىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك باشلىقى.

  ساقچى بولغان ئاخىرقى بىر نەچچە يىلدا، لى كۈنمىڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ زەھەر چېكىش مەسىلىسىنى تۈزەش ئۈچۈن كۆپ ۋاقتىنى سەرپ قىلغان، ئۇ كۆپلىگەن ئالىي مەكتەپلەرگە بېرىپ لېكسىيە ئۇيۇشتۇرۇپ، زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ زىيىنىنى تەشۋىق قىلغان. بەزى چاغلاردا ئۆزىنىڭ كەسىپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە روك ئىن رول ساقچى مۇزىكا ئەترىتىنى قۇرۇپ، كۆپ جايلاردا زەھەرگە قارشى تۇرۇش كونسېرتى ئۇيۇشتۇرغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر