باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 25-قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىپ ھەم ۋىيېتنام سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى، لائوس خەلق دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى

2017.11.15 15:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-نويابىر بېيجىڭدىن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 25-قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىپ ھەم ۋىيېتنام سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى، لائوس خەلق دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 11-ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى دىڭ شۆشياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت مالىيە-ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ليۇ خې، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت كومىسسارى ياڭ جيېچى قاتارلىق ھەمراھ بولۇپ بارغان خادىملار شۇ ئايروپىلاندا قايتىپ كەلدى.

  شۇ يەر ۋاقتى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ لائوسنىڭ ۋىنتىيان شەھىرىدىن ئايرىلىپ، دۆلىتىمىزگە قايتتى. ئايروپورتقا بېرىش يولىدا، لائوسلۇق ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايرىقىنى پۇلاڭلىتىپ، بۇ ئەزىز مېھماننى ئۇزاتتى. ئايروپورتتا داغدۇغىلىق ئۇزىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى، بايراملىق كىيىملىرىنى كىيگەن شۇ يەردىكى ياشلار بىلەن ھۆرمەت قاراۋۇللىرى قىزىل پاياندازنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇراتتى. لائوس پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ دائىمىي شۇجىسى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەن كەن، لائوس پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ۋىنتىيان شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، قوشۇمچە شەھەر باشلىقى شىن لافېڭ، لائوس پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن زۇڭلى سوڭ سەي قاتارلىقلار ئايروپورتقا چىقىپ ئۇزىتىپ قويدى. شى جىنپىڭ ئۇلار بىلەن بىرمۇ بىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، سەمىمىي خوشلاشتى. شى جىنپىڭ ئايروپىلان شوتىسىغا چىقىپ، ئۇزاتقىلى كەلگەنلەرگە قولىنى پۇلاڭلىتىپ ئېھتىرام بىلدۈرگەندە، نەق مەيداندا ئۇزاققىچە ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر