باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو-رۇسىيە خام نېفىت تۇرۇبا يولى 2- لىنىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشى ئومۇمىي لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلدى

2017.11.13 16:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو نېفىت-تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتىدىن ئىگىلىنىشىچە: 12- چېسلا، ئەڭ ئاخىرقى بىر كەپشەر ئېغىزىنىڭ كەپشەرلىنىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگو-رۇسىيە خام نېفىت تۇرۇبا يولى 2- لىنىيەسى قۇرۇلۇشىنىڭ 941.8 كىلومېتىر تۇرۇبىسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلۇپ، ماي كىرىش شەرتى ھازىرلاندى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2018- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنى، جۇڭگو-رۇسىيە خام نېفىت تۇرۇبىسى 2- لىنىيەسى قۇرۇلۇشى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىكەن. شۇ چاغدا، شەرقىي شىمالىي نېفىت توشۇش تۇرۇبىسىدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان رۇسىيە خام نېفىتى ھازىرقى ھەر يىلى 15 مىليون توننىدىن ئېشىپ، 30 مىليون توننىغا يېتىدىكەن.

  جۇڭگو-رۇسىيە خام نېفىت تۇرۇبا يولى 2- لىنىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشى جۇڭگو نېفىت گۇرۇھى تۇرۇبىچىلىق شىركىتى تەرىپىدىن تۇتۇلغان قۇرۇلۇش بولۇپ، يەنىلا شۇلار تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدۇ. تۇرۇبا يولى خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسىدىكى موخې ناھىيەسى موخې نېفىت يەتكۈزۈش پونكىتىدىن باشلىنىپ، خېيلۇڭجياڭ ۋە ئىچكى موڭغۇلدىن ئىبارەت ئىككى ئۆلكىدىن ئۆتۈپ، ئاخىرقى پونكىتى خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ داچىڭ شەھىرىدىكى لىنيۈەن نېفىت يەتكۈزۈش پونكىتىغا تۇتاشتۇرۇلغان. مەزكۇر قۇرۇلۇش 2016- يىلى 8- ئايدا قۇرۇلۇشنى رەسمىي باشلاندى. تۇرۇبا شىركىتى نەق مەيداننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ھەمدە سۈرئەت ۋە سۈپەت قاتارلىق جەھەتلەردە ئىلمىي باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى يولغا قويۇپ، سوغۇق رايونلارنىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز يەتكۈزۈلۈشىدىكى ئۇزۇن تۇرۇبا قۇرۇلۇشى ئۈچۈن قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى توپلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر