باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ تۆمۈريولى يولۇچىلار ئوق پويىزىدا تۇنجى قېتىم تېز يوللانما توشۇلدى

2017.11.13 16:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 9دىن 21 مىنۇت ئۆتكەندە، D2706-قېتىملىق گۇرۇپپىلىق ئوق پويىز 477 كىلوگىرام تېز يوللانمىنى ئېلىپ، ئۈرۈمچى بېكىتىدىن يولغا چىقتى. بۇ پويىز 11 سائەت 38 مىنۇتتىن كېيىن، لەنجۇ غەربىي ۋوگزالىغا يېتىپ بارىدۇ. بۇ، شىنجاڭ تۆمۈريولى تارماقلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم يولۇچىلار ئوق پويىزىدا تېز يوللانما توشۇشى ھېسابلىنىدۇ.

  سائەت 9دىن 5 مىنۇت ئۆتكەندە، لەنجۇغا بارىدىغان پويىز يولۇچىلار چىقىش پەشتىقىغا كېلىپ توختىدى. جۇڭگو تۆمۈر يولى تىرانسپورت شىركىتىنىڭ خادىملىرى ماللارنى ۋاگونغا سالدى. جۇڭگو تۆمۈريولى تىرانسپورت شىركىتى ئۈرۈمچى تارماق شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى خۇ چى مۇنداق دېدى: «ماللار 11 سائەت ئەتراپىدىلا لەنجۇغا يېتىپ بارىدۇ. بۇنى ئىلگىرىكى ئادەتتىكى پويىزغا سېلىشتۇرغاندا، بەش سائەتتىن ئارتۇقراق ۋاقىت قىسقىرايدۇ.» بۇ يىل تۆمۈريول تارماقلىرىنىڭ «قوش 11» ئېلېكتىرون سودىسى ئالتۇن ھەپتىلىكى تىرانسپورتى 11-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ. تۆمۈريول تېز توشۇش كەسپىمۇ تېز ئېشىش ھالىتىنى ساقلىماقتا، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول تېز يەتكۈزۈش كەسپىنىڭ سوممىسى 300 مىڭ يۈەنگە، ئادەتتىكى تېز يوللانمىنىڭ سوممىسى 1 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10 ئاشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر