باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا «119 ئوت ئۆچۈرۈش، ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش ئېيى» پائالىيىتى باشلاندى

2017.11.10 16:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونىمىزدا تۇنجى نۆۋەتلىك «119» ئوت ئۆچۈرۈش، ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش ئېيى پائالىيىتى باشلاندى. بۇ يىلقى ئاساسىي تېما «ئوتتىن مۇداپىئەلىنىشكە دىققەت قىلساق، سىز ۋە مەن خاتىرجەم بولىمىز» بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىن كەلگەن مەسئۇل يولداشلار ۋە ئوت ئۆچۈرۈش ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى، ئوت ئۆچۈرۈش پىدائىيلىرى، ئاھالىلەر، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى ۋەكىللىرى بولۇپ 600دىن ئارتۇق كىشى شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جۇ چاڭجيې پائالىيەتكە قاتناشتى ۋە «119» ئوت ئۆچۈرۈش، ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش ئېيىنىڭ رەسمى باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، «ئوت ئۆچۈرۈش، ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش كۈنى» بۇ يىلدىن ئېتىبارەن «ئوت ئۆچۈرۈش، ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش ئېيى»غا ئۆزگەرگەن. بۇنىڭدا كۈندىلىك ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش تەشۋىقات پائالىيەتلىرى ئارقىلىق، جەمئىيەتتىكى ھەر قاتلام، ھەر ساھە كىشىلىرىنى تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش خىزمىتىنى قوللاش ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش بىخەتەرلىك بىلىملىرى سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئوت ئاپىتىنىڭ يۈز بېرىشىنى ئازايتىش، خەلق ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش مەقسەت قىلىنغان.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى تارماقلار، ئورۇنلار ئاممىۋى ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈشنى باشقۇرۇشتا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش خىزمىتىنىڭ ئىجتىمائىيلىشىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر ۋە يېزىلارنىڭ ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى. پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش ۋەزىيىتى مۇقىم بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر