باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ۋېيتنام تاراتقۇسىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى

جۇڭگو- ۋېيتنام دوستلۇقىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتايلى

2017.11.10 15:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋېيتنام سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىگە قىلىدىغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنىڭ ھارپىسىدا، ۋېيتنامنىڭ«خەلق گېزىتى»دە « جۇڭگو- ۋېيتنام دوستلۇقىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتايلى»دېگەن سەرلەۋھىلىك ئىمزالىق ماقالىسىنى ئېلان قىلدى. ماقالىنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

  جۇڭگو- ۋېيتنام دوستلۇقىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتايلى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ

  مەن ۋېيتنام مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى رۈەن فۇجۇڭ ۋە دۆلەت رەئىسى چېن داگۇاڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، پات ئارىدا ۋېيتنام سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيتىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىمەن. بۇ مېنىڭ 2015- يىلىنىڭ ئاخىرىدا ۋېيتنامنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، بۇ گۈزەل تۇپراققا يەنە بىر قېتىم قەدەم تەشرىپ قىلىشىم بولۇپ قالىدۇ، بۇنىڭدىن شۈنچىلىك يېقىىملىق تۇيغۇغا كەلدىم.

  جۇڭگو بىلەن ۋېيتنام تاغ- دەريالىرى تۇتىشىپ تۇرىدىغان، چىش بىلەن كالپۇكتەك يېقىن قۇشنا. ئىككى دۆلەت خەلقلىرى يېقىن قۇشنىلاردىن بولۇپ، ئەزەلدىن ئۆزئارا ئالاقىلىشىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش رىشتى ئورناتقان.

  يېقىنقى زاماندىن بۇيان، دۆلەت مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە مىللىي ئازادلىق كۈرىشىدە، ئىككى دۆلەت خەلقلىرى مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلىپ، ئۆزئارا ھەمدەمدە بولۇپ، «يولداش شۇنداقلا قېرىنداش»تەك ئالاھىدە دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ئورناتتى. رەئىس خۇ جىمىڭنىڭ جۇڭگودا ئىنقىلابنى قانات يايدۇرغان ۋاقتى 12 يىلغا يېتىدۇ، رەئىس ماۋزېدۇڭ، جۇ ئېنلەي زۇڭلى قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن ئاكا- ئۇكىلاردەك ئۆتكەن. ۋېيتنامنىڭ داڭلىق قۇماندانى خۇڭ شۈي جۇڭگو ئىنقىلابىغا پائال ئاتلىنىپ، قىزىل ئارمىيەنىڭ 25 مىڭ چاقىرىملىق ئۇزۇن سەپىرىگە قاتنىشىپ، يېڭى جۇڭگۇ ئۈنۋان بەرگەن بىردىنبىر چەت ئەل قۇماندانى بولۇپ قالغان، شۇنداقلا دۇنيادا ئاز كۆرۈلىدىغان «ئىككى دۆلەت گېنېرالى». جۇڭگو خەلقىمۇ ۋېيتنام خەلقىنىڭ مىللىي ئازادلىق كۈرىشىگە خالىس ياردەم بەرگەن، رەئىس ماۋزېدۇڭ مۇنداق دېگەن: 700 مىليون جۇڭگو خەلقى ۋېيتنام خەلقىنىڭ كۈچلۈك ئارقا تېرىكى، بىپايان جۇڭگو زېمىنى ۋېيتنام خەلقىنىڭ ئىشەنچلىك ئارقا سېپى.» جۇڭگودىن ۋېيتنامغا بارغان ھەربىي مەسلىھەتچىلىك ئۆمىكىنىڭ باش توپچىلار مەسلىھەتچىسى دۇ جىنبو ۋېيتناملىق يولداشلارغا ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، يېڭى تۇغۇلغان قىزىغا «يۆ خۇا» (越华)دەپ ئىسىم قويغان. ئاجايىپ يىللارنى ئەسلىسەك، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ پىشقەدەم رەھبەرلىرى ئورناتقان، ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ساپ قېنىنى سىڭدۈرگەن دوستلۇق رىشتىنى مەڭگۈ ئىسىمىزدە ساقلىشىمىزغا ۋە قەدىرلىشىمىزگە ئەرزىيدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر