باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىشقا بېرىشتا بەك قىستاڭچىلىق بولسا «ئۇچار تاكسى»غا ئولتۇرالىشىمىز مۇمكىن

يۇبېر «بوشلۇقتىكى تاكسى»نى ئېلان قىلماقچى

2017.11.10 14:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىشقا بارىدىغان يول بەك توسۇلۇپ كەتسە، شىركەتكە «ئۇچۇپ» بېرىشنى ئويلاپ باققانمۇ؟ تاكسى توسۇش يۇمشاق دېتالى يۇبېر «ئۇچار تاكسى» چۈشىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرماقچى. 8-نويابىر، يۇبېر «بوشلۇقتىكى تاكسى» قىياسىنى ئېلان قىلدى. كەلگۈسىدە، ئىشلەتكۈچىلەر بىر كۇنۇپكا بىلەن ئالدىن كېلىشىپلا، نىشانغا ئۇچۇپ بارالىشىدىن ئۈمىد بار بولدى.

  ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتىلىقىنىڭ 8-چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يۇبېر ياساشنى پىلانلىغان بۇ خىل ئۇچقۇنىڭ چوڭلۇقى كىچىك تىپتىكى ئايروپىلان بىلەن تىك ئۇچار ئايروپىلان ئوتتۇرىسىدا بولۇپ، تىك ئۇچۇپ، چۈشەلەيدىكەن، باتارىيەدىن پايدىلىنپ قوزغىتىلىدىكەن. يۇبېر تەرەپ 2020-يىلى سىناق قىلىپ ئۇچۇرۇشنى، 2023-يىلى رەسمىي بازارغا سېلىشنى قولغا كەلتۈرۈشنى پىلانلىغان.

  يۇبېر ئېلان قىلغان سىنغا قارىغاندا، يولۇچىلار يانفون يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق، بوشلۇقتىكى تاكسىدا بىر ئورۇننى ئالدىن بەلگىلىسە بولىدىكەن. يۇبېر شىركىتىنىڭ مەھسۇلات باش ئەمەلدارى جېف خولدېن مۇنداق دېدى: دەسلەپكى بىر مەزگىلدە، بوشلۇق تاكسىسىنىڭ ھەققى قىممەترەك بولىدۇ. لېكىن يۇبېر شىركىتى بۇ خىل «ئۇچار تاكسى»نىڭ كېيىنچە بىر خىل ئاممىۋى قاتناش قورالى بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئاپتوموبىل ئىشلىتىشىنى ئازايتىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  يۇبېرنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق ھېسابلىشىغا ئاساسلانغاندا، يۇبېرنىڭ «ئۇچار تاكسى» مۇلازىمىتىنى ئىشلەتكەندە، سان فىرانسىسكو شەھىرىدىن سان خوسېغا بېرىشقا پەقەت 15 مىنۇت كېتىدىكەن، تۈر يۈرگۈزۈلگەن دەسلەپكى مەزگىلدە ئۇچار تاكسى ھەققىنىڭ 129 ئامېرىكا دوللىرى بولۇشى، ئوتتۇرا مەزگىلدە باھاسى 43 دوللارغا ئازىيىشى، ئۇزاق مەزگىلدە باھاسى 20 دوللارغا چۈشۈشى مۆلچەرلەنگەن. ئەمما قاتناش يۇقىرى پەللىسىدە ئاپتوموبىل ھەيدەپ بۇ يولنى بېسىشقا ئىككى سائەت كېتىدىغان بولۇپ، خىراجەت تەخمىنەن 110 ئامېرىكا دوللىرى بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر