باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەھبىرى شىنجاڭغا كېلىپ، 19- قۇرۇلتاينىڭ روھى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى

يېڭى دەۋردىكى غايىلىك، قابىل، مەسئۇلىيەتچان ئاياللاردىن بولايلى

2017.11.09 15:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىس سۇڭ شيۇيەن 11- ئاينىڭ 8- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭغا كېلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىغا دائىر لېكسىيە سۆزلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىدىكى كادىرلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەر، ئاپتونوم رايوننىڭ ھەر قايسى كومىتېت، ئىشخانا، نازارەت، ئىدارە- ئورگانلىرىدىكى ئاياللار خىزمىتى مۇدىرلىرى، ئايال كادىرلار ۋەكىللىرى، بىڭتۈەن، ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى ئوبلاستلىق ئاياللار بىرلەشمىسى سىستېمىسىدىكى كادىرلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، لېكسىيەنى ئاڭلىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى رىزۋان ئەبەي دوكلات يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  سۇڭ شيۇيەن لېكسىيەسىدە، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ داغدۇغىلىق ئېچىلغانلىقىغا دائىر ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى، ئۇ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ ئاساسىي تېمىسى، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىنىڭ تېمىسى ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭقۇر ھەم مۇھىم تارىخىي مەزمۇن ۋە ئۇنىڭ رېئال ئەھمىيىتى، شۇنداقلا پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھىم ئىدىيەسى، مۇھىم ھۆكۈمىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىن يېشىپ چۈشەندۈردى ۋە لېكسىيە سۆزلىدى. سۇڭ شيۇيەن لېكسىيەسىدە مۇنداق دېدى: يېڭى ۋەزىيەتتە ئاياللار- بالىلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئوبيېكتىپ ئېھتىياجى. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئىدىيەسىنى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپنىڭ كۈچىنى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك نىشان- ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇجەسسەملەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى شىنجاڭ زېمىنىدا يىلتىز تارتقۇزۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىدە، 19- قۇرۇلتاينىڭ دوكلاتىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، 19- قۇرۇلتاينىڭ روھىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى غايىلىك، قابىل، مەسئۇلىيەتچان ئاياللاردىن بولۇشىمىز كېرەك.

  لېكسىيەدىن كېيىن يىغىنغا قاتناشقان ئاياللار ئۆز خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرگەن ئاساستا لېكسىيەدىن ناھايىتى زور ئىلھام ئالغانلىقىنى بەس- بەستە سۆزلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلىي ئالاقە بۆلۈمىنىڭ باشلىقى مياۋ چىڭ مۇنداق دېدى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا ئاياللار بىرلەشمىسى خىزمىتىگە دائىر تەلەپلەر ناھايىتى كونكرېت ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ. بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە، ئاياللار- بالىلارنىڭ تۈرلۈك ھوقۇقتىن باراۋەر بەھرىمەن بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئاياللار- بالىلارنىڭ ھوقۇق- مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇن سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىمىز. ئاياللار تەشكىلاتلىرىنىڭ كەڭ دائىرىلىك، ۋەكىللىك ۋە ئاممىۋىلىق خاراكتېرىنى كېڭەيتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئاياللىرىنىڭ كاللىسىنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن قوراللاندۇرۇپ، ئۇنى ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلدۇرۇپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ 11- نۆۋەتلىك ئىجرائىيە ھەيئىتى، ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئايال ئىشچى- خىزمەتچىلەر بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خاتىرە ئەخمەتجان مۇنداق دېدى: بىز ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىنى ۋەكىل قىلىپ، ئىسمېنا- گۇرۇپپا، سېخلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، نۇتۇق سۆزلەش، لېكسىيە سۆزلەش قاتارلىق ئىشچى- خىزمەتچىلەر ياقتۇرىدىغان ئۇسۇللار ئارقىلىق پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئايال ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئاڭلىقلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن «ئاياللارنىڭ كۈچى»نى قوشىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر