باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىزدە مۇخبىرلىق كىنىشكىسى بار مۇخبىر 228 مىڭدىن ئاشىدۇ

2017.11.10 16:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 18-نۆۋەتلىك مۇخبىرلار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، مۇخبىرنىڭ دۆلەتلىك ئاخبارات-نەشىرىيات-رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 11-ئاينىڭ 7-كۈنىگە قەدەر، مەملىكەت بويىچە كىنىشكىسى بار مۇخبىر 228 مىڭ 327 گە يەتكەن.

  ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، ئاخبارات مۇخبىرلىرىنى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ تۈرى بويىچە تۈرگە ئايرىغاندا، گېزىت مۇخبىرى 83 مىڭ 884، قەرەللىك ژۇرنال مۇخبىرى 6198، ئاگېنتلىق مۇخبىرى 2884، رادىيو ئىستانسىسى، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە ئاخبارات كىنو ئىستۇدىيەسى مۇخبىرى 134 مىڭ 250، ئاخبارات تورى مۇخبىرى 1151 ئىكەن.

  جنس پەرقى بويىچە ئايرىغاندا، ئەرلەر 118 مىڭ 214 بولۇپ، %51.77ىنى ئىگىلەيدىكەن، ئاياللار 110 مىڭ 113 بولۇپ، %48.23ىنى ئىگىلەيدىكەن؛ ياش پەرقى بويىچە ئايرىغاندا، 30 ياشتىن تۆۋەنلەر 27 مىڭ 983 بولۇپ، %12.26ىنى ئىگىلەيدىكەن، 30 ياشتىن 40 ياشقىچە بولغانلار 88 مىڭ 470 بولۇپ، %38.75ىنى ئىگىلەيدىكەن، 40 ياشتىن 50 ياشقىچە بولغانلار 75 مىڭ 928 بولۇپ، %33.25 ىنى ئىگىلەيدىكەن، 50 ياشتىن يۇقىرىلار 35 مىڭ 946 بولۇپ، %15.74 ىنى ئىگىلەيدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر