باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسى ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن

جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئاسىيە ئەلا

2017.11.09 15:15         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيەنىڭ ئۇزاق يىل تەربىيەسىنى ئالغان پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى بولمىغان بولسا، قۇدرەتلىك ۋەتىنىمىزنىڭ، شىنجاڭنىڭ بۈگۈنكى تەرەققىياتىنىڭ، شۇنداقلا ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنىڭ بولمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم. مەن زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1979 - يىلى شىنجاڭ تېببىي ئىنستىتۇتى(ھازىرقى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى)غا قوبۇل قىلىندىم. ئالتە يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتىمدا ئوقۇش پۇلى، ياتاق، تاماق ھەقسىز بولغاندىن سىرت، يەنە ھەر ئايدا تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىلەتتى. 1985 - يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندە، نەتىجەم ياخشى بولغاچقا، شىنجاڭ تېببىي ئىنستىتۇتىدا قېلىپ خىزمەت قىلدىم. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىنكى 3 - تۈركۈمدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنى باشتىن كەچۈرۈپلا قالماستىن، يەنە پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولدۇم. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى بولمىغان بولسا، شىنجاڭنىڭ بۈگۈنى، بولۇپمۇ ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشىمىز بولمىغان بولاتتى. بۈگۈنكى كۈندە، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆسۈپ، كىيىنىش، تويۇنۇش، تۇرالغۇ، قاتناش شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى. بىزنىڭ بۈگۈنكى گۈزەل، بەختىيار تۇرمۇشىمىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ خالىس ياردىمى، بولۇپمۇ ۋەتىنىمىز چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقى، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئەۋزەللىكى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن كەلگەن. پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى مەڭگۈ ئۇنتۇماي، ھەرقانداق ۋاقىتتا پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن، پارتىيەگە قەتئىي سادىق بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشنىڭ قەتئىي باشلامچىلىرىدىن بولىمەن.

  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىلگىرىلىشىنىڭ نېگىزلىك ئۇل تېشى. ئېلىمىزدىكى 56مىللەت جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلغاندىلا، ئاندىن تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرەلەيمىز؛ ھەممىمىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىمىز كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۇرۇقىنى قەلبىمىزدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى ھەربىر كىشىنىڭ قەلب ئېتىزىدا پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرۇشىمىز كېرەك؛ مەن خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا ئىشنى ئۆزۈمدىن باشلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى باشلامچىلىق بىلەن قوغداپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز سۆزلەرنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز ئىشلارنى قىلماي، باشتىن - ئاخىر كاللامنى سەگەك تۇتۇپ، مەيدانىمنى مۇستەھكەم، بايرىقىمنى روشەن قىلىپ، ھەرقانداق بۆلگۈنچىلىك ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلمىشلىرىغا قەتئىي قارشى تۇرىمەن. «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «بەشنى تونۇش»نى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسىلىق تۇيغۇسى، ئىززەت - ھۆرمەت تۇيغۇسى ۋە شەرەپ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىمەن؛ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈندىلىك تۇرمۇش، خىزمەت ۋە ئۆگىنىشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى دائىم پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرىمەن.

  پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك يېپىلدى، مەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، قەتئىي ھالدا پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھى بىلەن كاللامنى قوراللاندۇرۇپ، باش نىشاننى ھەر ۋاقىت كۆڭلۈمگە پۈكۈپ، زىممەمگە ئېلىپ، ئۆز ئەمەلىيىتىمگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزۈمدىن، كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسى ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە قوشىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر