باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ ۋە رەپىقىسى مېلانىيەنى قارشى ئالدى

2017.11.10 15:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن 11-ئاينىڭ 9-كۈنى كەچتە خەلق سارىيىدا زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى مېلانىيەنى قارشى ئالدى. لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، جاڭ گاۋلى، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن زىياپەتكە قاتناشتى.

  خەلق سارىيىنىڭ كاتتا ئالتۇن رەڭلىك زالى ناھايىتى ھەيۋەتلىك بولۇپ، ئېسىل مېھمانلار بىلەن تولغان ئىدى، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى زىياپەتتە تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنى دېڭىز-ئوكيانلار ئايرىپ تۇرسىمۇ، جۇغراپىيەلىك ئارىلىق ئىككى ئۇلۇغ دۆلەتنىڭ ئۆزئارا يېقىنلىقىنى توسۇپ قالالمىدى. ئىككى تەرەپنىڭ دوستانە ئالاقىسى ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى ئۈستىدە ئىزدىنىش تىرىشچانلىقى ئەزەلدىن توختاپ قىلمىدى. 45 يىل بۇرۇن، زۇڭتۇڭ نىكسون ئېلىمىزگە زىيارەتكە كېلىپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ قايتا بېرىش-كېلىش قىلىش دەرۋازىسىنى ئاچقاندىن بۇيان، جۇڭگو-ئامېرىكىنىڭ نەچچە ئەۋلاد رەھبىرى ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە تارىخىي تەرەققىيات ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىلدى، دۇنيا ۋەزىيىتىدە ئۆزگىرىش بولدى. ھازىر جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان مەنپەئەت ئورتاق گەۋدىسىگە ئايلاندى. ھازىر ئىككى دۆلەت دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ كەڭ ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە بولۇپ، تېخىمۇ زور، تېخىمۇ مۇھىم ئورتاق مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغان، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى ۋە دۇنيادىكى تەسىرى يەنىمۇ ئاشتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر