باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش- تىرانسپورت نازارىتى، ئستاتىستىكا ئىدارىسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ئىشلاردا تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

2017.11.09 15:13         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر 11- ئاينىڭ 8- كۈنى ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش- تىرانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىگە كېلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، ياخشى ئۆزلەشتۈرۈش، ياخشى تەشۋىق قىلىش، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، تۈرلۈك ئىشلاردا تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش- تىرانسپورت نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ قاتناش سىستېمىسىنىڭ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە قاتناش تەرەققىياتىغا ئالاقىدار خىزمەت ئەھۋالى دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شۆھرەت زاكىر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: قاتناش- تىرانسپورت كەسپى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا باشلامچى خاراكتېرلىك، ئۇل خاراكتېرلىك، ئىستراتېگىيە خاراكتېرلىك ۋە مۇلازىمەت خاراكتېرلىك رولغا ئىگە، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش- تىرانسپورت نازارىتى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلايدىغان مۇھىم تارماق بولۇش سۈپىتى بىلەن، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھازىرقى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپى بويىچە ئۆگىنىش - چۈشىنىش، ئايدىڭلاشتۇرۇش- ئۆزلەشتۈرۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، بۇ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىنى ھەقىقىي، چىڭ تۇتۇپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆكۈمەت سىستېمىسىدا ئالدىدا مېڭىشى، نەمۇنە، ئۈلگە بولۇشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ ئىستاتىستىكا ئىدارىسىدىكىلەرنىڭ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئىستاتىستىكا خىزمىتى ئەھۋالىغا ئالاقىدار دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شۆھرەت زاكىر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا تارماقلىرى ئۆز فۇنكسىيەسىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىستاتىستىكا سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى. ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ساھەلەرنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە مۇلازىمەت كەسپىنى باشقۇرۇشنى ئوبيېكتىپ، توغرا ئىنكاس قىلىشتەك مۇھىم مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق 9- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىشى، ياخشى تەشۋىق قىلىشى، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇشى، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «تۆت ئاڭ»نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ» نى چىڭىتىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ روھىي ماھىيىتى ۋە مول مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇش، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىش، ئەسلىي قائىدىنى چۈشىنىش، ئەينەن ئۆگىنىش، چوڭقۇر، سىستېمىلىق، ئەمەلىيەتكە باغلاپ ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي ئۆگىنىش، ھەقىقىي چۈشىنىش، ھەقىقىي ئىشىنىش، ھەقىقىي ئىشلىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، قەلب ۋە كۈچلەرنى مۇجەسسەملەشتە رول ئويناپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى بىلەن كاللىنى ھەقىقىي قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلدۇرۇش، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھر يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: قاتناش- تىرانسپورت خىزمىتى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشكە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا، دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى نىشانىغا يېتىشكە، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بېرىپ تاقىلىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش- تىرانسپورت نازارىتى ئاپتونوم رايونىمىز قاتنىشىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشنى كۆزلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ قاتناش قۇرۇلۇشى سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇشقا دائىر تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى 2017- يىللىق نىشان- ۋەزىپىلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تاماملاشتا، 2018- يىللىق خىزمەتلەرنى ئىلمىي پىلانلاشتا نامايان قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىدا، قاتناش- تىرانسپورت ئىشلىرىنى كەڭ كۆلەمدە يۈكسەلدۈرۈش تەپەككۇرىدا، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى تارىخىي پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇشتا، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، قىيىنچىلىقنى يېڭىشتا، ئىلمىي تەرەققىي قىلىش، يىرىك پىلان ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز قاتناش- تىرانسپورت ئىشلىرىنىڭ كەڭ كۆلەملىك يۈكسىلىشىنى ئالغا سىلجىتىشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىشى كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئۆز خىزمەت ئورنىدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەمەلىيىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. ئىستاتىستىكا خىزمىتىدە «ئىنچىكە» بولۇشنى كۆزلەپ، ھەرقايسى تەرەپنى ئەلا سۈپەتلىك، ئىنچىكە ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇمات مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش؛ قانۇن بويىچە قېلىپلاشتۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىستاتىستىكا خىزمىتى سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش؛ كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىستاتىستىكا سىستېمىسىدىكى كادىرلارنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىم تەرەققىياتى ئۈچۈن توغرا، ئىشەنچلىك ئىستاتىستىكا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاۋ چۇڭجيۇ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا ھەمراھ بولدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر