سۈرەتتە: 11-ئاينىڭ 4-كۈنى، رۇسىيەنىڭ يامار- نېنېتسلار ئاپتونوم رايونىدا، بىر نېنېتس قىزچاق ئۆز چېدىرى يېنىدا تۇرماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نېنېتسلار رۇسىيەنىڭ شىمالىي قۇتۇپ رايونىدىكى مىللەت. 2010- يىلىدىكى رۇسىيە نوپۇس تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، نېنېتسلاردىن تەخمىنەن 45 مىڭ ئادەم بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى «مۇز ئۈستى يىپەك يولى» دەپ ئاتالغان شىمالىي قۇتۇپنىڭ شەرقىي شىمال سۇ يولى بويىدىكى يامار- نېنېتسكىي ئاپتونوم رايونى ۋە نېنېتسكىي ئاپتونوم رايونىدا ئولتۇراقلاشقان. نېنېتسلار شىمال بۇغىسىنىڭ ئىزىنى بويلاپ كۆچۈپ يۈرىدۇ، بىر يىلدا تەخمىنەن 260 كۈن قار-مۇز ئىچىدە ياشايدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى