باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فىرانسىيە، شىۋېيتسارىيە تېررورلۇققا قارشى بىرلەشمە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، 10 گۇماندارنى قولغا ئالدى

2017.11.09 15:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: فىرانسىيە بىلەن شىۋېيتسارىيە 7-نويابىر تېررورلۇققا قارشى بىرلەشمە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، 10 گۇماندارنى قولغا ئالدى، ئۇلار ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ گۇمانلىق ئۇچۇرلارنى يەتكۈزگەن ۋە خۇپىيانە ھۇجۇم قوزغاشنى پىلانلىغان، دەپ گۇمان قىلىندى.

  ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ فىرانسىيە تەپتىش ئەمەلدارى تەمىنلىگەن ئۇچۇرىغا ئاساسەن خەۋەر بېرىشىچە، گۇماندارلار توققۇز ئەر، بىر ئايال ئىكەن، يېشى 18 ياشتىن 65 ياشقىچە بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى توققۇز گۇماندار فىرانسىيەدە قولغا چۈشكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 27 ياشلىق بىر شىۋېيتسارىيەلىك ئەرمۇ بار. 23 ياشلىق بىر كولومبىيەلىك ئايال شىۋېيتسارىيەدە قولغا ئېلىنغان. فىرانسىيە چېگراسى ئىچىدىكى قولغا ئېلىش ھەرىكىتى ئاساسلىقى فىرانسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى پىروۋانس رايونىنىڭ ئايكس شەھىرى، مېنتون شەھىرى ۋە پارىژ شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان، شىۋېيتسارىيەدىكى ھەرىكەت ۋائۇد ئوبلاستى ۋە ناشات ئوبلاستىدا ئېلىپ بېرىلغان.

  2015-يىلىنىڭ بېشىدىن تارتىپ، فىرانسىيە ئۈزلۈكسىز تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، جەمئىي 240دىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى. «ئىسلام دۆلىتى» بۇنىڭ ئىچىدىكى كۆپ تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۆزلىرىنىڭ مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، فىرانسىيەدە ئىككى يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان دۆلەتلىك جىددىي ھالەت قايتا داۋاملاشمىدى، بەلكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى ئۇنىڭ بىلەن ئورۇن ئالماشتۇردى.

  يېقىنقى ھەرىكەت توغرىسىدا، فىرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى رىلار كىلون مۇنداق بىلدۈردى: ئۆتكەنكى ئىككى يىلدا، فىرانسىيە 32 قېتىملىق ھۇجۇم سۇيقەستىنى بىتچىت قىلدى، بۇنىڭغا ئوخشاش ھەرىكەتلەر ئاللىبۇرۇن نورمال ھالەتكە تەۋە ھېسابلىنىدۇ. «بىز بىر قىسىم خەتەرلىك شەخسلەرنى قولغا ئالىمىز.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر