باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭگو-ئامېرىكا باشلىقلىرى ئىككى دۆلەت كارخانىچىلىرى سۆزلىشىشىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى

2017.11.10 15:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9-نويابىر خەلق سارىيىدا ئېلىمىزگە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ بىلەن جۇڭگو-ئامېرىكا كارخانىچىلىرى سۆزلىشىشىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا «شاڭخەي ئاخباراتى» نى ئېلان قىلغانلىقىنىڭ 45 يىللىقى. 45 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد سودا مۇناسىۋىتىدە تارىخىي تەرەققىيات ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقى غايەت زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزىدىغان ۋە تەڭ پايدا ئالىدىغان ھەمكارلىق.

  شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى ۋەزىيىتى ۋە جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد سودا مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئۈچ نۇقتىلىق قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئۇزاق مۇددەت ياخشى بولۇش ئىستىقبالى پارلاق. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش كۆزلىمە قىممىتىنى بىر قانچە قېتىم ئۆستۈردى، بۇ جۇڭگو ئىقتىسادىغا ئىشەنگەنلىك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر