- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
دېسنىي مۇردوكنى كۆزلىدى، ئۇ 21-ئەسىر فوكس شىركىتىنى سېتىۋالماقچى بولۇۋاتىدۇ
2017.11.09 15:44 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا ۋولت دېسنىي شىركىتى ئاخبارات ماگناتى رۇبېرت مۇردوك ئىگىدارچىلىقىدىكى 21-ئەسىر فوكس شىركىتى بىلەن كېلىشىپ، فوكس شىركىتىنىڭ كۆپ قىسىم مۈلكىنى سېتىۋالماقچى بولۇۋاتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەنگلىيە ساما تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ پېيىمۇ بار.
ئەنگلىيە «پۇل مۇئامىلە گېزىتى» 7-نويابىر ئالاقىدار ئۇچۇر بەرگۈچىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق خەۋەر بەردى: 21-ئەسىر فوكس شىركىتى سېتىلىش ئالدىدا تۇرىدۇ. ۋېلسون سىمسىز تېلېگراف شىركىتى، ئالاھىدە ئىجازەتلىك خەۋەرلىشىش شىركىتى ۋە ئالاقە تورى ماگناتى ئامازون شىركىتىمۇ 21-ئەسىر فوكس شىركىتىنىڭ ھەممە ياكى بىر قىسىم مۈلكىنى سېتىۋىلىشنى ئويلىشىۋىتىپتۇ.
دېسنىي 21-ئەسىر فوكس شىركىتىنى سېتىۋىلىش ئويى بارلىقى سىرتقا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، 21-ئەسىر فوكس شىركىتىنىڭ پاي باھاسى %7 ئۆسكەن، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بازار باھاسى 49 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەن. دېسنىينىڭ پېيى %1.65 ئۆسكەن، بازار باھاسى 155 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىنلاشقان.
نۆۋەتتە، كېلىشىۋاتقان سۆھبەتتىكى سېتىۋىلىش شەرتىدە، مۇردوك فوكس ئاخباراتى ۋە تەنتەربىيەسىدىكى مۈلكىنىڭ بارلىق ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدىكەن، بىراق 21-ئەسىر فوكس شىركىتى ئىگىدارچىلىقىدىكى ساما تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ %39 پېيى، فوكس خەلقئارا قانىلى ۋە «يۇلتۇزلۇق ئاسمان» ھىندىستان تارقىتىش ۋاسىتىسى شىركىتىنىڭ ھەممىسى سېتىۋىتىلىدىغان ئوبېيكتلارنىڭ ئىچىدە ئىكەن.
دېسنىي بىلەن 21-ئەسىر فوكس شىركىتى بۇ توغرىسىدا تېخى ھېچقانداق سۆز قىلمىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر